خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
2004.11.24
خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش ۋە خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئاستىدا پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپكە بېرىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاينىڭ "تەڭرىتاغ تور بېتى"، "شىنجاڭ خەۋەر تورى" ۋە "قەشقەر گېزىتى" قاتارلىق مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، نۆۋەتتە ھەتتا يېزا- قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پەرزەتلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆتۈرۈلىۋاتقان نىسبەت
"شىنجاڭ خەۋەر تورى" چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، پىچاننىڭ دالانكارىز يېزىلىق خىتاي 2 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئېشىپ، نۆۋەتتە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 67٪ ئىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا ئومۇمى يۈزلۈك بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ يىلتىزى ئەڭ چوڭقۇر بولغان، ئۇيغۇرلار ئاساسلىق نوپۇسنى ئىگىلىگەن قەشقەر تەۋەلىكىدىمۇ، ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى بەس- بەستە خىتاي مەكتەپلىرىگە بېرىدىغان بولغان.
قەشقەر گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە قەشقەردىكى خىتايچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسپىتى ٪ 20 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسدىكى سېرىقبۇيا يېزىلىق 2 - خىتاي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ٪ 84 كە يەتكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى خەۋىرىدە، بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تىلىنى ئۈگىنىشنىڭ بىر خىل ئىھتىياجلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ تۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ كۆرسەتمەكتە.
مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى تاكتىكىلىرى
ئەمما خىتاينىڭ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىدا " قوش تىللىق مائارىپى" نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇقتىلىق سىياسەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋال ئالىي مەكتەپلەردە بارلىق ئاساسلىق دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغانلىقىنى، ئاندىن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇشنى ۋە ئارقىدىنلا مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خىتاي تىلى دەرسلىكىنى بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇتۇشنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمدى بولسا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل يەنە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى 2006 - يىلىغىچە خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا. قەشقەر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ قەشقەردىكى ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە سۆزلىدى.
ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئۆزلىكىدىن كۆرىۋاتقان بىر خىل قىزغىنلىق دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تىزلەتكەنلىكى ھەم خىتاي تىلى بىلمىگەن ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولىۋاتقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دىدى:
دىلشات رىشىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ، ئۇيغۇر ۋە خىتاي مىللىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئوت پىلىكى بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى" نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىن سىقىپ چىقىرىلىشى، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى ۋە شۇنداقلا ئەڭ زور زىيالىلار قوشۇنى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپى مۇشۇ سۈرئەتتە كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر مەدىنىيىتى، مائارىپى ۋە تىلىنىڭ ساقىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ زور تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- خىتاي تىلىنىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋﯤ تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە
- "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە خىتاي مىللي روھ تەربىيىسى كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى