خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى " شىنجاڭ سىنىپى" كىنو فىلىمى قىلىپ ئىشلەنمەكتە
2004.12.01
" شىنجاڭ سىنىپلىرى" مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ مۇھىم تەركىۋى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە 2000 - يىلىدىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ 12 شەھىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ھەر يىلى مىڭلاپ ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرى تاللىنىپ پۈتۈنلەي خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەنمەكتە.
بۇ يىل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يول - يورۇقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ سانى 24 كە يەتكۈزۈلۈپ، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار سانى 3000 دىن ئاشتى. خىتاي مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2007 -يىلىغا بارغاندا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان بۇ سىنىپلارغا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.
"شىنجاڭ سىنىپى" خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەشۋېرقات تېمىسى بولدى
خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئوقۇتۇلىدىغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خەۋەر تور بېتىدە سەيشەنبە بېرىلگەن بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي كىنو شىركىتى ۋە شاڭخەي سانتانا ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شېرىكچىلىكىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مۇشۇ شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇتۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنىڭ تەقدىر ئۆزگىرىشلىرىنى، ئوقۇش ھەم ھاياتىنى كىنو قىلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كىنودا ئاساسلىق شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇشقا بارغان ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاساسىي تېما قىلىدىكەن. كىنوغا "ئاچا -سىڭىل، ئاكا- ئىنىلەر" دەپ نام بېرىلگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەردە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق :
" شىنجاڭ سىنىپى" دا ئوقۇغان بالىلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئارزۇسى
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىغا ۋە شۇنىڭدەك ھەر يىلى نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتايچە تەربىيىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئېچىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىنىڭ بىر ئۇسۇلى دەپ تونۇماقتا. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن ئىدى:
بىز بىلەن سۆھبەتتە بولغان خىتاي ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرى ھەققىدە بىزگە سۆزلەپ بەردى:
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە "ئاچا - سىڭىل، ئاكا - ئىنىلەر" ناملىق خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھاياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېما قىلىنىپ ئىشلىنىۋاتقان كىنو فىلىمى، 2005 - يىلى ئاپرىلدا كۆرسىتىلىشكە باشلايدىكەن.
ئۇيغۇر تىلىنى خىتايلاشتۇرۇش
- كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- "قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر مۇقىملىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مۇزىكا دەرسلىرىمۇ خىتايچە ئۆتۈلمەكتە
- ۋاڭ لېچۇئەن قوش تىللىق مائارىپنى چىڭ تۇتۇشنى قايتا تەكىتلىدى
- خىتاي تىلىنىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلمەيدۇ
- سىدىق ھاجى روزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇلىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي ئىدىيىۋﯤ تەربىيە كۈچەيتىلمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىلەر يىلى 3000 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى خىتاي شەھەرلىرىدە تەربىيىلىمەكچى
ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايلاشتۇرۇش
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (2)
- خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ (1)
- ۋاڭ لېچۈئەن مائارىپ ساھەسىدىكى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىن خوتەنگىچە تۆمۈر يول ياساشنى پىلانلىماقتا
- قۇربان ئەرشىدىن بىڭتۇئەننى قوراللىق كۆرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى
- بىڭتۈئەن قومداندانى، بىڭتۇئەننىڭ كېڭەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىدە خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش" سىياسىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارە قىلىندى
- بىڭتۇئەن خىتايلىرى نېمە مەقسەتتە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن ؟
- "ئۈچتە ئايرىلالماسلىق" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە قايتىلانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى