4 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىكى "شىنجاڭ گېزىتى" دە، پىچان ناھىيىسىنىڭ "دالان كارىز " يېزىسىدا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ "ئۈچ پېشقەدەم" لەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپ، پىكىرلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پەسىلدە بىر قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىشنى تۈزۈملەشتۈرگەنلىكى، "ئۈچ پېشقەدەم" لەر يېزىنىڭ "ئۈچ مەدەنىيلىك" قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش جەھەتلەردە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار ئىزچىل ھالدا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، ۋاڭلېچۇئەن ئۆتكەن ئايدا، قەشقەر ھەمدە خوتەندىكى يەرلىك كادىرلارغا سۆز قىلىپ، " خوتەن بىلەن قەشقەر شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى بۇ جايلاردا بارلىق خىزمەتلەردە مۇقىملىقنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىدەك پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە قاتتىق باشقۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قانداق سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك" دەپ قاتتىق تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلاردا، "جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئامانلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا دائىر تەشۋىقات، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ قاراتمىلىقى ئاشۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، "كىچىك ئىش كەنتتىن چىقماسلىق، چوڭ ئىش يېزا - بازاردىن چىقماسلىق، زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتېرمەسلىك" دېگەندەك سىياسىي نىشانى بويىچە، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامانلىق مۇداپىئە سىستېما قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇلغان، "ئۈچ خىل پېشقەدەملەر" ئارقىلىق، مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى بولغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا " ئۈچ خىل پېشقەدەملەر"دىن پايدىلىنىشتىن يېڭى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئىلشات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بۇ رايوندا ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن تارتىپ تۈرلۈك سىياسىي تاكتىكىلاردىن پايدلىنىپ كەلدى. ئىلشات ئەپەندى "ئۈچ خىل پېشقەدەملەر" نىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەت شارائىتىغا ماسلاشقان ھالدا پەيدا قىلىنغان يەنە بىر يېڭى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.