'خىتاي، سىياسىي جەھەتتە چوڭ دۆلەتنىڭ رولىنى ئۆتىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.30
2008.12.30
AFP Photo
شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ پاراخوتلار خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي جۇڭگو دېڭىز ئارمىيە فلوتىغا تەۋە بولۇپ، 26 - دېكابىر جۈمە كۈنى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرى ھەربىي پورتىدىن سومالىغا قاراپ يول ئالغان.
"خىتاي سىياسىي جەھەتتە چوڭ دۆلەتنىڭ رولىنى ئۆتىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ"
خىتاي سومالى دېڭىز تەۋەلىكىگە ھەربىي پاراخوت يوللاشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئاۋىئاماتكا ياساشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوشۇلۇشى ئاساسىدا سومالىغا ئەسكەر ئەۋەتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز قىسىملىرىنى تۇنجى قېتىم چەت دۆلەت دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتە چوڭ دۆلەتنىڭ رولىنى ئۆتىيەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.ياپونىيە خىتاي بىلەن ئۆزى ئارىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ
خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىكى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى بارغانچە كېڭەيتىشى بىلەن تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن.نەتىجىدە خىتاينى دېڭىز ئارمىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىكى گېزىتىدە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ ياپونىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت خىتاينىڭ كۈچلۈك قوشنىلىرى ئارىسىدا جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سىنگاپور راجاراتنام خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى بىخەتەرلىكى تەتقىقاتچىسى جوشۇۋا خو ھىندىستاننىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى، ياپونىيىنىڭمۇ بۇ رايوندىكى ئۆز تەسىر دائىرىسىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ياپونىيىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆزى ئارىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايغا قوشنا ۋە دېڭىز تەۋەلىكى تۇتىشىدىغان ئاسىيا ئەللىرى ئىچىدە ياپونىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى ئالدىنقى قاتاردا، ھىندىستان ئىككىنچى ئورۇندا، خىتاي بولسا ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى ۋە سىياسىي تەسىرىنى ئۆستۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر قوشنىلىرى ئارىسىدا مۇسابىقە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىكى گېزىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي 2030 - يىلىغا بارغاندا ئۆزى ئېھتىياجلىق نېفىت تەمىناتىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈلىدىكەن. شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسىمۇ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى يۈكسەلدۈرۈشكە موھتاج ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى ئەڭ قۇدرەتلىك
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى ئەڭ قۇدرەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ھەر جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە كۈچى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن..شۇ سەۋەبتىن خىتاي، ئەڭ يامان تەرىپىنى پەرەز قىلغاندا، خۇددى ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيىنىڭ چەتئەلدىن كېلىدىغان تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ قويغانغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭمۇ تەمىنات يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.
خىتاي ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي دۆلەت كۈچىگە تەڭ بولالمايدۇ
ھالبۇكى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ خىتاي ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ، ھەر جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئومۇمىي دۆلەت كۈچىگە تەڭ بولالمايدىكەن.ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە يەنە، گەرچە نۆۋەتتە ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا سودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى جەھەتلەردە مۇئەييەن ھەمكارلىق شەكىللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئامېرىكا يەنىلا كۈچلۈك دۆلەت سۈپىتى بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىكەن.