خىتاينىڭ خەلقئارادا چەكلەنگەن سۈت پاراشوكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرمەكتە
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان" ئەل رىياد " گېزىتىنىڭ 2008 - يىلى20 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا:" خەلقئارا بازارلىرىدا چەكلەنگەن خىتاي سۈت پاراشوكلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قاتتىق چەكلىشىگە قارىماي بېسىپ كىرمەكتە" دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008-10-23 -
-
-
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺲ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺭ ﺳﯜﺕ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:" ئەل رىياد گېزىتى خەلقئارادا تونۇلغان چوڭ بىر شىركەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى مەشھۇر بىر يېمەك - ئىچمەكلەر دۇكىنىدا خىتاينىڭ چەكلەنگەن سۈت پاراشوكىنى بايقىدى. خىتاينىڭ سۈت پاراشوكى سەتچىلىكى دۇنياغا يېيىلغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان سۈت پاراشوكلىرىنى بازارلاردىن چەكلەش ھەققىدە قارار چىقىرىشى ئارقىسىدا، تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سودا - سانائەت مىنىستىرلىكى سەئۇدى ئەرەبىستان بازارلىرىدا خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ، خۇسۇسەن خىتايدا ئىشلەنگەن ياكى بىرەر ماددىسى خىتايدىن كەلتۈرۈلۈپ ياسالغان بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭمۇ قەتئىي يوقلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى."