خىيانەتچىلىك ئەڭ رەزىللىكتۇر

خىيانەتچىلىك بىر خىل رەزىل قىلمىش. ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور، نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر سادىر قىلىدۇ. خىيانەتچىلىك يامراپ كەتكەن ئەلدە ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ئۆلگەن بولىدۇ.

0:00 / 0:00

خىيانەتچىلىك ماددىي نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش ۋە مەنىۋى نەرسىلەرگە خىيانەت قىلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەنىۋى نەرسىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم خىيانەتچىلىكنىڭ رەزىللىكى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" قۇرئان كەرىمدە: 'ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار' دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايەت خىيانەتچىلىكنىڭ ئۈچ قاتلاملىق مەنىسىدىن بىشارەت بەرگەن. ئۇنىڭ بىرىنچى قاتلىمى ئاللاھقا خىيانەت قىلىشتۇر. بۇ بارلىق خىيانەت تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. چۈنكى قەلبىدە خۇداسى بولمىغان ئادەمنىڭ پەس ۋە چاكىنا ھەۋەسلىرىگە تولغان نەپسىدىن باشقا نېمىسى بولسۇن! مۇنداق ئادەملەردىن تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز يامانلىقلارنى كۈتۈشكە بولىدۇ. جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ساتقۇنلۇق، چېرىكلىك قاتارلىق جىنايەتلەر شۇنداق ئادەملەر تەرىپىدىن سادىر بولماقتا. ئىككىنچى قاتلاملىق مەنە پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماسلىقنى تەكىتلەش بولۇپ، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىغان پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بىلەن ئەسلىنىدىغان، ئۈلگىلىك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان قىلىقلارنى قىلغۇچىلار ئۇلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئۈچىنچى قاتلاملىق مەنە كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە بىر- بىرىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلماسلىقنى تەكىتلەشتۇر. بۇ خىل خىيانەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان رەزىل قىلمىش. ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە قويغان ئامانىتى بولىدۇ. بۇ ئامانەت بىر ئېغىز سۆز بولىشىمۇ ياكى ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددىي نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن. ھەركىم ئۆز ئامانىتىنىڭ دەل ۋاقتىدا تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇنداق بىر ئامانەتكە خىيانەت قىلىش تولىمۇ رەزىل ئىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: 'يالغان ئېيتىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ ئالامىتىدۇر،' دەپ كۆرسەتكەن."

خىيانەتچىلىكنىڭ زىيىنى كۆپ

ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىيانەت بەكمۇ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، خائىنلىق، ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىققا ئوخشىغان رەزىللىكلەرنىڭ باش رولچىسى خىيانەتتۇر. قانداقلا بىر جەمئىيەتتە ئىنسانلار بىر- بىرىگە خىيانەت قىلىدىكەن، بۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ يوقىلىدۇ. ئىشەنچ يوقالغان يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئادەملەر بىر- بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئۇششاق - چۈشەك زىددىيەتلەر تۈگىمەيدۇ.

ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى. ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە قىلىدىغان خىيانەتچىلىكىمۇ كۆپ خىللاشتى. مەخسۇس كەسىپلەشكەن خىيانەتچىلەر، ئالدامچىلار، قويمىچىلار مەيدانغا كەلدى. بۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ياشاش غايىسىنى مال - دۇنياغا باغلاش ھېسابىغا روھىي دۇنياسىنى چىرىتىۋەتكەن بىر بۆلۈك ئىپلاس ئادەملەر تەرىپىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا تەربىيەنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنى مەنىۋى مەلھەملەر بىلەن داۋالاشقا تىرىشىش لازىم.

بۇ تەربىيە جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق بۆلۈكى بولغان ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. ھەركىم ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلىسە ئىش تۈزۈلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:" ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، راست سۆزلۈك بولۇش، گۈزەل خۇلۇق ۋە بىتاما بولۇپ ھالال كەسىپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۆت خىسلەت سەندە بولسا، دۇنيالىق جەھەتتە باشقا نەرسەڭ بولمىسىمۇ پەرۋا قىلمىغىن،" دەپ كۆرسەتكەن.