خوشۇتتا 21 مىڭ ئامما يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيىسىدە 8-يانۋار سائەت 20 دىن 14 ئۆتكەندە 5 بال يەر تەۋرىگەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.01.11
Uyghur-yer-tewresh-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىدارىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش مەركىزى كورلا شەھىرىگە 118 كىلومېتىر، تۇرپانغا 166 كىلومېتىر، ئۈرۈمچىگە 188 كىلومېتىر، خوشۇت ناھىيىسىگە 20 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، كورلا، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىگىچە تەسىرى بولغان.

بولۇپمۇ، خوشۇت ناھىيىسىنىڭ 55 كىلومېتىر دائىرىسىدىكى جايلاردا يەر تەۋرەش ئاپەت پەيدا قىلغان. بۇ خوشۇت ناھىيىسى تەۋەسىدە 1990-يىلىدىن كېيىن 5 بال دەرىجىسىدە تۇنجى قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بېرىشى بولۇپ، بىر قەدەر قوپال تىپتىكى ئوتتۇراھال يەر تەۋرەش دەپ تەسۋىرلەنگەن. دائىرىلەر ھازىرغىچە خوشۇت ناھىيىسىنىڭ ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان تاغارچى، ئۇششاقتال، چوقۇ ۋە نارىنكېر يېزىلىرىدا ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ 21 مىڭغا يەتكەنلىكى، بىر قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ ۋە دەز كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئادەم چىقىم بولمىدى دەپ خەۋەر بەردى.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ سوغۇق قىش پەسلىدە كەلگەن بۇ تۇيۇقسىز ئاپەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ زىيان ئەھۋاللىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق:

تېلېفوننى ئالغان ھۆكۈمەت خادىمى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاپەت ھەققىدە ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەردىن رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر دەپ خەۋەر بېرىلگەن خوشۇت ناھىيە ئۇششاقتال يېزىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئەمما كۆزەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر خىتاي كادىر، يەر تەۋرىگەن بىلەن چوڭ ئىش يوق، ھېچقانداق تەسىرى يوق دەپلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

خوشۇت ناھىيىسى تاغارچى يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، بۇ يېزىدا يېزا كادىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل بولغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش كادىر، خوشۇتتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرلىرى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-يانۋارغىچە ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، خوشۇتنىڭ تاغاچى، ئۇششاقتال، نەرىنكېر قاتارلىق يېزىلىرىدا ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار 21 مىڭغا يەتكەن، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بۇ يېزىلاردا جەمئىي 9مىڭدىن ئارتۇق ئۆيلەرنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران قىلغان. ئاپەت زىيانلىرىنى ستاتىستىكا قىلىش ئىشلىرى تېخى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەھۋاللاردا ئادەم ياكى مال چارۋىلارنىڭ چىقىم بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان.

بۇ كادىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئاپەت يۈز بېرىپ ئەتىسى 9-يانۋاردىن ئېتىبارەن 2600 دەك كىشى خەتەرلىك ئۆيلەردىن ۋاقىتلىق كەپىلەرگە كۆچۈرۈلگەن، ھازىر مەكتەپلەر تەتىل بولغاچقا ئاپەتتە قالغان ئامما مەكتەپ سىنىپلىرى ۋە مەكتەپ قورۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەپىلەرگە كۆچۈرۈلگەن. ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ ئاپەتتىكى ئاممىنى يوتقان، كۆمۈر ۋە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بىز بۇ خىتاي كادىردىن ئادەتتە 5 بال دەرىجىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت دەرىجىلىك ئېغىر يەر تەۋرەشكە كىرمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۆيلىرى بۇ دەرىجىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى، ئۇلار يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە تېخى كۆچۈپ كىرمىدىمۇ؟ دەپ سورىدۇق، ئۇ جاۋابەن بۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت دېھقان، چارۋىچىلىرىنىڭ يەنىلا ئۆزلىرى ياشاپ كۆنگەن لاي كېسەكلىك ئۆيلەردە ياشاشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كىرىش نىسبىتىنىڭ 80% كە يەتمىگەنلىكىنى، ئۆلچەمدىن يىراقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «ئۆيلىرى بۇزۇلغان ئاممىنىڭ، رېمونت قىلىش چىقىملىرىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق 4 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتلەر كېلىپ چىقماقتا، بولۇپمۇ خەلقنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىنىڭ ئاخىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق دېھقان، چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەشقەرنىڭ شېكەركۆل، خوتەننىڭ گۇما ۋە قىزىلسۇنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك يەر تەۋرەشلەردە ئوخشاشلا دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغانلىقى مەلۇم شۇنداقلا بۇ جايلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىنمۇ دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يەنىلا بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئۆيلەردە ياشاۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.