بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل ۋە خادىملىرى، تۈركىيە سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار شۆبىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتكە قانال دى تېلېۋىزىيىسى، دوغان ئاخباراتى، ت ۋ5 تېلېۋىزىيىسى ، ھۆرىيەت ، مىللى گېزىتى قاتارلىق تۈركىيىنىڭ مەشھۇر 20 دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئارىدا 200 دىن ئارتۇق تۈركىيە ساقچىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توپلاندى.
سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن تارزى ئەپەندى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 23 - مارت خوتەندە بىگۇناھ ئاياللارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا قارشى خىتاي ئەلچىلىكىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشى لازىم. خىتاي زالىملىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز يالغۇز ئەمەس، بىز سائادەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرتسىز ھەر ۋاقىت مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ زالىملارغا قارشى تۇرىمىز. خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان 600 نەپەر مۇسۇلمان ئاياللار شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. بىز بۇ قارارىمىزنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىمىز. زالىملار شۇنى ئۇنۇتمىسۇنكى زۇلۇم مەڭگۈ داۋام قىلمايدۇ، زالىملار ھامان بىر كۈنى تۆكۈلگەن مەزلۇملارنىڭ قېنىدا غەرق بولۇپ تۈگەيدۇ."
ھۈسەيىن تارزى ئەپەندى يەنە خىتاي ئەلچىلىكىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوق ئېتىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ھۈسەيىن تارزى ئەپەندى يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە تۈرك خەلقىگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى چۈشەنمىگەن خىتاي كوممۇنىستلىرى قانداقمۇ تەنتەربىيەنىڭ ئىتتىپاقلىق روھىنى چۈشىنەلىسۇن. تۈركىيە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى . تۈرك خەلقى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00