23 - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشى: تۇتقۇنلاردىن بىرى ھامىلدار ئايال

23 ‏ - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشىدا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بۈگۈن يەنى 21 ‏ - ئاپرىل كۈنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يەنە بىر رەت ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ ھامىلدار ئايال ئىكەنلىكى، ئاي ‏ - كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان بولغاچقا سوراق جەريانىدا جىددىيلىشىپ ھۇشىدىن كەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.21
ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ Youtube ﺗﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. Source: Youtube
Youtube.com
 بىر مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامىلدار ئايال شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن شۇ كۈنى سوراقخانىدىن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. دوختۇرلار، ھامىلىنىڭ باش سۈيىنىڭ مېڭىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ھامىلدار تۇتقۇن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. ئەمما ھامىلدارنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.

ساقچى ئىدارىسى: " بىزدە قىيىن - قىستاق يوق"

18 ‏ - ئاپرىل يەنى جۈمە كۈنى تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن سائادەت پارتىيىسىنىڭ ياشلار كومىتېتى خوتەندىكى ئايال تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز بۇ نامايىشتىكى تەلەپلەرگە قارىتا خوتەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ پىكرىنى سورىدۇق. ساقچى تەرەپ تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدا ئەندىشىلىنەرلىك ئەھۋال يوقلۇقىنى قوپاللىق بىلەن بىلدۈردى.

بىز ئارقىدىن خوتەن ۋىلايەتلىك تەشۋىقات ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سورىدۇق؛ مەسئۇل خادىم مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى، قالغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ۋە مەخپىيلىكىنى بىلدۈردى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى يەنە بىر مەسئۇل خادىم، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ تەلىم ‏ - تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سوراقxoten-ayalliri2-200.jpg جەريانىدا ھۇشىدىن كەتكەن بىر ھامىلدار ئايالنى ئۆزلىرىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھامىلدار ئايال ئېغىر خەتەرگە دۇچ كەلگەن، ئەمما ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس

بۇ مەسئۇل خادىم، ۋەقە سەزگۈر مەسىلە بولغىنى ئۈچۈن، ھامىلدارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرلارنى سوراش ھوقۇقى ھەم يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز ھامىلدار تۇتقۇننىڭ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلدۇق. مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
خوتەن شەھىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ئاياللار نامايىشىغا قاتناشقان غوللۇق ئۇنسۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى باياناتىدا ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تۇتقۇنلارنىڭ سانى ۋە ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىگىلىشىمىزدە ساقچى تارماقلىرىغا يېقىن ئورۇنلار تۇتقۇنلار سانىنىڭ 600 كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بىزگە بۈگۈن مەلۇم بولغىنى بۇلاردىن پەقەت بىرىنىڭ 23 ‏ - مارت كۈنىدىكى ئەھۋالى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يەنىلا سىر ھالەتتە تۇرماقتا. ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان باش سۈيى مېڭىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر مېھرىنىسا خانىم مەلۇمات بېرىپ: " ھامىلدار ئايالدا باش سۈيى مېڭىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئانا - بالا ھەر ئىككىسىنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا بولىدۇ،" دېدى.

مانا بۇ، نامايىشقا قاتناشقان ئەمەس، سودا ئىشى بىلەن نامايىش ئەتراپىدا بولۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر ھامىلدار ئايال تۇتقۇننىڭ ئەھۋالىدۇر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.