خوتەن دىخانلىرى زاراخەتمە ئۈچۈن 500 دىن 5000 يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلىگەن

زاراخەتمە ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئۇيغۇرلار زاراخەتمە ئارقىلىق تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ شەخسلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋاپلىق ئىزدەيدۇ.

0:00 / 0:00

26 ‏ - مارت يەنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان 300 دىن ئارتۇق كىشى قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئىمامى شاكىر زاراتگاھلىقىدا زاراخەتمە ئۆتكۈزگەن.

جامائەت، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 بولغاندا، 15 خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ۋە زاراتگاھلىقتىن 5 كىلومېتىر مۇساپىدىكى زاۋا يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا ياللاپ ئېلىپ بارغان. قامالغۇچىلاردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامائەت ساقچى پونكىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر چوڭ يىغىن زالىغا 9 سائەت قاماپ قويۇلغان.

نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزۈش ۋە مازارى - ماشايىخلارنى زىيارەت قىلىش يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر تۈركۈم ياش تالىپلار تەرىپىدىن بىدئەت دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ۋە تەنقىدلەنمەكتە. ياش تالىپلارنىڭ قارىشىچە بۇ تۈر ئۆرپ - ئادەتلەر، دىنىي تەلىمات جەھەتتىن ئەقىدىنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇدۇ؛ ئىجتىمائىي ئۈنۈم جەھەتتە كىشىلەرنىڭ تەقدىرچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، غازات روھىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان تالىپ ياشلار، تاۋاپ ۋە نەزىر چىراقلارغا مۇرەسسەسىز قارشى تۇرۇپ كەلمەتە.

ئەمما بۇ قېتىم زاراتخەتمىنى چەكلىگۈچىلەرنىڭ يەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشىسى، ياش تالىپلارنىڭكىدىن تامامەن باشقىچە. دائىرىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار كەڭ - كۆلەمدە توپلانماسلىقى كېرەك؛ توپ - توپ بولۇپ سەپەر قىلماسلىقى كېرەك. بۇنداق قىلىش جەمئىيەت مۇقىملىغى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت. بىر شاھىدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دەل مۇشۇ ئەندىشە بىلەن، زاراخەتمىگە قېتىلغانلارنى جازالىغان.

بۇ قېتىمقى زاراخەتمىگە خوتەن شەھىرىنىڭ ئىلچى يېزىسىدىن 13 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار يەنە ئۆز يېزىسىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىناسىغا 3 سائەت قاماپ قويۇلغان. شۇنداقلا، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە چوڭ يىغىندا تەنقىد قىلىنغان.

ھۆرمەتلىك پقۇرمەنلەر، ئەتىكى پروگراممامىزدا، يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئېتىراپلىرىنى ۋە سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋاپلىرىنى ئاڭلايسىلەر.