خىتاينىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ئايلاردا خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ناۋاغ ۋە يېڭىبازار ۋەقەسى ھەققىدە سوت ئېچىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق پىدائىيلاردىن 6 نەپىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ھۆكۈمدە خوتەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلاردىن ئابدۇغېنى يۈسۈپنى ئۆلۈم جازاسىغا، ئابدۇللا ئېلى ۋە تۇراپ مەمەتنى 19 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن ۋە مەمەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق 3 پىدائىينى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان.
سوت ھۆكۈملىرى ھەققىدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلارنىڭ باشلىقى ئابدۇغېنى يۈسۈپ بولۇپ، ئۇ 2010-يىلى 5-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغا قەدەر ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت تەييارلىقى ئېلىپ بارغان، 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دا مەزكۇر ھۇجۇمنى ئىجرا قىلغان. ئاشكارىلىنىشىچە، ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرگەن پىدائىيلار، خىتاينىڭ بىر نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە ئىككى نەپەر گۆرۈگە ئېلىنغان پۇقراسىدىن باشقا، بىر نەپەر قوراللىق ئالاھىدە قىسىم ساقچىسىنىمۇ ئۆلتۈرگەن. پىدائىيلار قوراللىق قىسىم ساقچىسىنى، ئۆزلىرى قورشاۋغا ئېلىنغان مەزگىلدە ئۆلتۈرگەن. قورشاۋغا ئېلىنغان مەزگىلىدە خىتاي قوراللىق قىسىم ساقچىلىرىدىن بىر نەپىرىنى ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ناۋاغ ساقچىخانىسىنى پىدائىيلارنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋېلىش ئوپېراتسىيىسى داۋامىدا توقۇنۇش خېلى كەسكىن ۋە جىددىي بولغان. پىدائىيلار قوللىرىدا ئىلغار قوراللار بولمىغان ھالدا، خىتاي ساقچىلىرىغا ئاخىرقى مادارىغىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ناۋاغ ساقچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىقتىسادىي زىيان 367760 يۈەن بولغان. خىتاينىڭ سوت ھۆكۈمىگە ئائىت خەۋەرلەردە پىدائىيلارنىڭ ناۋاغ ساقچىخانىسىدىكى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى يىقىتىپ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى قادىغانلىقىدەك، ئالاھىدە غەلىبىسى تىلغا ئېلىنمىغان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر يېڭىبازاردا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مەيدان ھۇجۇم ئېلىپ بارغان پىدائىيلارنىڭ سانى جەمئىي 7 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ باشلىقى، پاكىستاندا تەلىم كۆردى دەپ قارالغان، قوناقلىقتا شېھىت بولغان مەمتىلى تىلىۋالدى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولسا مەمەت نىياز تۇرسۇن. بۇلار 2008-يىلى 6-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە، ھەرىكەت پىلانى، ھەرىكەت مەشىقى ۋە ھەرىكەت تەييارلىقى ئېلىپ بارغان. دەسلەپكى ھۇجۇمنى يەنى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىدائىيلاردىن ئابلكىم ھەسەن بىلەن ئۇرايىم مەمەت ئىجرا قىلغان. ئۇرايىم مەمەت شۇ كۈنى نەق مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئابلىكىم ھەسەن ئەسىرگە چۈشكەن. شۇ بىر مەيدان ھۇجۇمدا خىتاي تەرەپتىن 8 كىشى ئۆلگەن 31 كىشى يارىدار بولغان. ئەتىسىدىكى ئىككىنچى مەيدان ھۇجۇمنى مەمەت نىياز تۇرسۇن ۋە مۇختەر ھەسەن قاتارلىق 5 نەپەر پىدائىي ئىجرا قىلغان. ئۇلار 31-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە، ھۇجۇم مەيدانىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت بىلەن كەلگەن ۋە موتسىكلىتتىن چۈشۈپ قوللىرىدىكى پىچاق ۋە پالتىلار بىلەن خىتاي ساقچى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ئارقىدىن موتسېكىلىتنى پارتلاتقان، بۇ ھۇجۇمدا خىتاي تەرەپتىن 5 كىشى ئۆلگەن ۋە 10 كىشى يارىلانغان. خەۋەرلەردە بۇ ئىككى مەيدان ھۇجۇمدىكى ئىقتىسادىي زىيان 187008 يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىكى بەزى سان-سېپىرلار ۋە بەزى تەپسىلاتلار خىتاينىڭ ئۆتكەنكى مەلۇماتلىرىدىن يەنە پەرقلىق كۆرۈلمەكتە. خىتاينڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ئۆتكەنلەردە دېيىلگەن خىتاي ئاشخانىسىغا ۋە خوجايىنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، ئەمەلگە ئاشمىغان ئادەم بومبا ھۇجۇم پىلانى قاتارلىق تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەرلەردە يەنە ناۋاغ ساقچىخانىسىدىكى خىتاي بايرىقىنىڭ يىقىتىلىپ ئورنىغا شەرقى تۈركىستان بايرىقىنىڭ قادالغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاينىڭ بۇ قېتىم ۋەقەگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشتا، خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشقانلىقىمۇ بايقالماقتا.
بۈگۈنكى خەۋەرلەردە يەنە، سوتتا مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكاتى بولغانلىقى، سوتنىڭ مەھكۇملارنىڭ تىلىدا ئېچىلغانلىقى، مەھكۇملارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. خىتاينىڭ مەلۇمات ئاشكارىلاشتا يەنە مەزكۇر سوت ھۈكۈملىرىنىڭ خەلقئارا تەسىرىنىمۇ نەزەردە تۇتقانلىقى ۋە خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بايقالماقتا.