ئەخلاق ئۇزۇن تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۆرپ - ئادەتنى، كىشىلەرنىڭ قىممەت كۆز قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاق بىر ئىنساننىڭ، بىر گۇرۇپپىنىڭ ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. بىر مىللەت ئۈچۈن، تىل، دىن ۋە دۆلەت قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئەخلاقمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى ئەخلاقى جەھەتتىكى بۇزۇلۇشدۇر. ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كېيىنكى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ ساندا پاھىشىخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھەتتا بۇ خىل يەرلەرنى خىتايلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس دەپ قارالغان مەسچىتلەرنىڭ يېنىدا ئېچىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاچقان كىشىلەرنىڭ ۋە بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىز خوتەندىن يېڭى كەلگەن ئابدۇللا ئىسىملىق بىر ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇللا ئەپەندى بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە ناھىيە ۋە يېزا، كەنت مەركەزلىرىدىمۇ پاھىشىخانىلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، گەرچە بۇ يەرلەرنىڭ ئىسمى كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى، قاۋاقخانا دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پاھىشىخانا ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان قىزلارنىڭ %90 سىچۈەنلىك ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن كىنىشكىسى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئابدۇللا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلارغىچە پاھىشىخانا ئېچىشقا رۇخسەت بېرىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇش ئارقىلىق مىللەت بولۇش خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
خوتەن ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەتلەردىن بىرى، خوتەن خەلقى دىنىغا، ئۆرپ - ئادەتلىرىگە، مىللىي ئەنئەنىلىرىگە سادىق بىر خەلق. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر رايوندا يېزىلارغىچە پاھىشىخانا ئېچىشقا رۇخسەت قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ نوپۇسىنىڭ كۆپى مۇسۇلمان بولغان خوتەندەك بىر يەردە پاھىشىخانىلەرگە كىملەر بېرىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا يەرلىك خەلق قانداق قارىماقتا؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا بولغان جاۋابنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خوتەندىن يېڭىلا كەلگەن ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدىن تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولىسىز.