كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى خوتەن ناھىيىسىدىلا ئەمەس، ھەتتا خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغانلارنى قۇتقۇزىدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بولماسلىقىدۇر. تۆۋەندە خوتەن ناھىيىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك يامراش ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خىزمەتلىرىگە دائىر خەۋەر تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبى بۇلۇڭىغا جايلاشقان خوتەن ناھىيىسىدىمۇ بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن ناھىيىدە مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 938 نەپەرگە، نەشە چەككۈچىلەر 643 نەپەرگە يېتىدىكەن.
خوتەن ناھىيىسى، خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان، 250 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسقا ئىگە، دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئاتالغان بىر چەت چېگرا رايون . خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ 99.3% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىگىلەيدۇ . بۇنداق بىر نامرات،چەت ناھىيە بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئاتالغۇسىنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىش غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا بۇ بىر رېئال مەسىلە يەنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇچرىمىغان ھېچ يەر قالمىغان .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە دائىرىلەر يىللاردىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق تەربىيىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ناھىيىنىڭ سىرت بىلەن بولغان سودا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلىككە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يىللاردىن بۇيان كۆپىيىپ جەمئىيەتكە، خەلقنىڭ ھاياتىغا بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.خوتەن ناھىيىسىدە 2008 يىلىنىڭ ئۆزىدە 51 زەھەر ئەتكەسچىسى قولغا ئېلىنغان، 9570 گىرام خروئىن مۇسادىرە قىلىنغان .
بىز خوتەن ناھىيىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىگە بولغان مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ناھىيىلىك ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق . زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى دەل زەھەر چەكلەشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ۋىلايەتتىمۇ بىرەر زەھەر تاشلىتىش ئورنى قۇرۇلمىغان.
بىز خوتەن ناھىيىسىدىكى زەھەر چەكلەشكە مەسئۇل ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىدە زەھەر چەكلەش ئورنى بار - يوقلۇقىنى ئىگىلەش مەقسىتىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 114 تېلېفون نومۇرى سۈرۈشتە قىلىش لىنىيىسىدىن سورىدۇق . دەرۋەقە تېلېفونىست خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ بۇنداق بىر ئورۇننىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىگىنىمىزدەك مەزكۇر نامرات، چەت ناھىيىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلىشىپ زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغۇچىلار كۆپىيىۋاتقان بىر پەيىتتە، بۇ ناھىيىدىكى زەھەر چەكلەشتە قوللىنىۋاتقان بىردىن - بىر تەدبىر پەقەت ۋە پەقەت چەككۈچىلەر بايقالغاندا ئۇلارنى 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ، قايتا يەنە جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىش بولماقتا خالاس.