خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ۋە دىپلوماتىيىدىكى سەتچىلىكلەر

ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى ئۈچ كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ۋە ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئوتتاۋاغا يېتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پەيشەنبە كۈنى كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

ئىككى تەرەپ بۇ ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى قايتا قۇرۇش، جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش،ساياھەتچىلىك، ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئوخشاش 24 تۈردە كېلىشىم ۋە توختامنامىلارنى ئىمزالىدى.

بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى، لىبېرال پارتىيىسى ھاكىمىيەتتىكى ۋاقىتتا كانادانى زىيارەت قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، بۇ قېتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن كاناداغا كەلگەن چەتئەل رەھبەرلىرى ئىچىدە كانادادا رەسمىي زىيارەتتە بولغان بىردىن ‏ - بىر چەتئەل دۆلەت رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى كانادادا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ 4 يىلدىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلغان خىتاينىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىلىك تۇنجى ئەمەلدارىدۇر.

خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇزۇن يىللار ئاپپاق - چاپاق بولۇپ ئۆتكەن كانادا، ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت سوۋۇشقا باشلىغان، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىلىشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۈنسىرى ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە پۈتۈنلەي دەز كەتكەنىدى. شۇڭا، كانادا مەتبۇئاتلىرى، خۇ جىنتاۋنىڭ رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە ۋاقىتنى تاللىغانلىقىغا دىققەت قىلدى ۋە بۇ زىيارەتنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەردىن بىرى دەپ باھالىغانىدى.

خىتاينىڭ دۆلەت مەتبۇئاتى بولغان شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا، خۇ جىنتاۋنىڭ كاناداغا ئاياق بېسىشى بىلەن، كانادا رەھبىرى ستېپھېن ھارپېرنىڭ تەمتىرەپ قالغانلىقىنى،خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا دائىرىلىرى ۋە كانادادىكى خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سۆرىلىپ كەلگەن 24 تۈرلۈك كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلارنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ ئايىقى يارىشىپ، ھەدېگەندىلا ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما، خىتاي دولەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، كانادانىڭ غەربىدىكى ۋانكوۋېر شەھىرىگە ئەمدىلا ئاياق باسا - باسمايلا، كانادانىڭ جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى، كانادادىكى خىتايلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئونتارىئو ۋە برىتىش كولۇمبىيە قاتارلىق شىتاتلاردىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە بۇ شىتاتلارغا قاراشلىق بەزى شەھەرلەردىكى يوقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ،چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا ئوخشاش چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ۋە تەسىر دائىرىسىگە كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى جىددىي بىر باياناتنى ئېلان قىلغانىدى.

خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ كۆزى كاناداغا تىكىلىۋاتقان بىر نازۇك ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، خۇ جىنتاۋ ۋە خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن باشلىرىغا تۇيۇقسىز بىر چىلەك سوغۇق سۇ تۆكۈلگەندەك تەسىر بەردى. ئادەتتە ئۆزىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئەيىبلەشلەرگە ناھايىتى تىزلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن خىتاي ھوكۈمىتى، بۇ ۋەقەگە كەلگەندە لام ‏ - جىم دىمەي، سوكۇت قىلىش يولىنى تاللىدى.

خۇ جىنتاۋ كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا كېلىپ، كانادا ۋالىسى تەرىپىدىن قىزىل گىلەمدە قىزغىن قارشى ئېلىنغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇ، بىرئاز ئۆزىگە كەلدى ۋە دەل بۇ ۋاقىتتا، بۇ يەردىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن پۈتۈن كانادادىكى خىتايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى رەئىس خۇ جىنتاۋنى قەتئىي قارشى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىدىغان ۋە بۇ قارشى ئېلىشنىڭ بىر سىياسى كۈرەش ئىلكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئاۋازلىق لېنتا، كانادا مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىپ،دۇنياغا پۇررىدە يېيىلدى.

بۇ ئاۋازلىق لېنتا كانادادىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كاتىپى ليۇ شاۋ خۇاغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش بىر مەيدان سىياسى كۈرەش دەپ تەرىپلەنگەن. كانادانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە خىتاي خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈچ كۈنلۈك خۇ جىنتاۋنى قارشى ئېلىش ھەرىكىتىگە قەتئىي قاتنىشىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئابرويىغا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكى، قىسقىسى بۇنىڭ دوست بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان ئېلىشىش ۋە سىياسى كۈرەش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بۇ لېنتىدا يەنە، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ياتاق،تاماق پۇللىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن چىقىم قىلىنىدىغانلىقى ۋە نەق پۇلنىڭمۇ بېرىلىدىغانلىقى، بۇ مەخپىيەتلىكلەرنىڭ قەتئىي ساقلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئادەتتە، خىتاي ئەمەلدارلىرى باشقا دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا،شۇ دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەن خىتاي ئەمەلدارىنى قارشى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلاردا بولسا،چەتئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز رەھبىرىمىزنى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى دەپ تەشۋىق قىلىدىغانلىقى چەتئەللىكلەرگە ئانچە يات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سەپەرۋەرلىكنىڭ نەق پاكىتلىرى بىلەن چۇۋۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى يەنىلا، كانادالىقلارنى ھەيران قالدۇردى.

بۇ ئىككى سەتچىلىكنىڭ ئۆزلىرىگە بەكلا سوغۇق كەلگەنلىكىنى سەزگەن خىتاي ھۆكۈمىتى،ستېپھېن ھارپېر بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ رەسمىي سۆھبىتىدىن كېيىن، ئۆتكۈزىلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، يوقىرىقى ئىككى مەسىلە ھەققىدە سوئال سورىماسلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يۈزىنى چۈشۈرىدىغان"، "يېغىرىنى كوچىلايدىغان" سوئاللارغا يول قويماسلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دەپ قارالغان تېلىۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلارنى بۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرماسلىقنى كانادا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلدى. كانادا ھۆكۈمىتى بولسا بۇلارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئاشكارا خىلاپ ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى.

نەتىجىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، ھارپېر بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ رەسمىي سۆھبىتىدىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنى ئۆز ئالدىغا ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە بۇ ئىككى رەھبەر پەقەت رەسىمگە چۈشۈش بىلەنلا بولدى قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئوتتۇرىسىكى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، كانادا رەھبىرىنىڭ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى خۇ جىنتاۋنىڭ يۈزىگە سالغانلىقى ياكى ئۇنىڭ يۈزى چوڭ كېلىپ،ھارپېرنىڭ بۇ نىيىتىدىن ۋازكەچكەنلىكى كانادالىقلارغا ۋاقتىنچە سىر بولۇپ قالدى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى سەتچىلىك دەپ قارالدى شۇنداقلا بۇ كانادا زىيارىتى جەريانىدىكى خۇ جىنتاۋنىڭ 3 - سەتچىلىكى دەپمۇ نام ئالدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا، خۇ جىنتاۋنىڭ كانادا زىيارىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە مەدھىيىلەشتىن باشقا، يوقىرىقى ۋەقەلەرنى زادىلا تىلغا ئالمىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا باش مىنىستىر ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ستېپھېن ھارپېرنىڭ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا، خۇ جىنتاۋ بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىمۇ سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.