يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشى خىتاي پۇقرالىرىنى بىزار قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى جازالىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارىخورلۇق قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى، خىتايدا پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىجتىمائىي نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.
تۈنۈگۈن 9-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى«خەلقئارا پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈنىدە، خۇ جيا قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى «ئاممىنىڭ تەلىپى» نامىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى شەخسى مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
خىتايدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان 100 نەچچە زىيالىي ئىمزا قويغان ئوچۇق خەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى ۋەيران بولۇشقا باشلاپ بارىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئىمزالىق خەتتە، 1766-يىلى شۋېتسىيىدە پادىشاھنىڭ ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «مەتبۇئات ئەركىنلىكى» قانۇنىدىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىلىش ھوقۇقىنىڭ كېيىن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئومۇملاشقانلىقى بايان قىلىنىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك 205 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى 2013-يىلى ئېچىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى شەخسى مال - مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان.
ئىمزالىق خەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلاردىن ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى قاتارلىق ئىككى ئەمەلدارنىڭمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزىنىڭ، جورىسىنىڭ،پەرزەنتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدىكى تۇراقلىق ۋە تۇراقسىز مال-مۈلكىنى ئاممىغا ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق بايانلار بېرىلىدۇ.
«غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە 240 يىل ئىلگىرىلا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاش قانۇنلاشتۇرۇلغان. ھەتتا تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئاۋمېن قاتارلىق جايلاردىمۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلماقتا. ئەمما ئەمەلدارلاردىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان جۇڭگودا بۇ تۈزۈم بۈگۈنگە قەدەر يولغا قويۇلمىدى. 2010-يىلى 11-ئىيۇل كۈنى خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە تەپتىش بىرلىكتە « ئەمەلدارلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش» ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈم ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىدى. بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 41-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەرقانداق دۆلەت كادىرى ئۈستىدىن پىكىر بېرىش، تەنقىدلەش ھوقۇقى بار» دېگەن ماددىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىنىستىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاۋامغا ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىمىز.»
خۇ جيا قاتارلىق خىتاي زىيالىيلىرى ئېلان قىلغان ئىمزالىق ئوچۇق خەتتىكى تەلەپلەرنىڭ كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي دۆلىتىدە يولغا قويۇلۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇفەرۇخ ئابدۇغېنى ئەپەندى مۇستەبىت تۈزۈمدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىغا ئۆزى يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇفەرۇخ ئابدۇغېنى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لىچۈەننىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشىنىڭ شۇ قەدەر ئېغىر بولسىمۇ، جازالانمىغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى ۋە پارىخورلۇق قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم يولغا قويۇلمىغۇچە خىتايدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
