خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى

13 - سېنتەبىر، 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ليۇ گاڭ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. نيۇيوركتىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ ھەقتە توختالغان بىر قىسىم زىيالىيلار خىتايدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن، خۇ جىنتاۋ، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق مۇستەبىت خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا سوتلارغا داۋاملىق ئەرز سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ نۆۋەت سوتقا سۇنۇلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭلىيې، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى چېن بىڭدﯤ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى سىياسىي كومىسسارىياتى باشلىقى لى جىنەي قاتارلىقلار بارOpens in new window ]

. بۇلار ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزىنىڭ، نيۇيوركتىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى، چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بۇ خەۋەر ئەڭ دەسلەپ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، خىتاي تىلىدىكى "بوشۈن" تور بېتىدە ئېلان قىلىندى. خەۋەردە ليۇ گاڭنىڭ ئەرزىدىكى ئاساسى مۇددىئا مۇنداق بايان قىلىنغان: "خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئۇزۇندىن بۇيان، ھەربىي كۈچ ئارقىلىق خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى. بىز ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كىشىلەرنى سوتقا تارتىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

بوشۈن تورىدىكى خەۋەردە يەنە، بۇ ئەرزنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، 2 سائەتتىن ئارتۇق قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن كېيىن، ليۇ گاڭ ئەپەندىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا فېدېراتسىيە سوتى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار ئۈستىدىن ئاچىدىغان سوتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن "بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى" نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ خەلقئارادىكى سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن سوتقا چاقىرتىلىشنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ، "2009 - يىلى 6 - ماي ئىسپانىيە دۆلەت سوتىنىڭ سوتچىسى سانتىياگو پەدراز تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت رايونلىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن ۋاڭ لېچۈەن، جاڭ چىڭلى قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى خەلقئارادا تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغانلىقىنى خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە ئۇقتۇرغان ئىدى. بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋ قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلار ئۈستىدىن 'ھەربىي كۈچ ئارقىلىق خەلق دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان' دەپ ئەرز سۇنۇلۇشىنىڭ ئۆزى خىتايدا خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە."

"شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتايدا خەلق دېموكراتىيىسىدىن سۆز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ تىبەت ھەم ئۇيغۇر رايونلىرىدا باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى، شۇڭا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ۋە "14 - مارت تىبەت ۋەقەسى"نى قانلىق باستۇرغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىنمۇ خەلقئارا سوتلارغا داۋاملىق ئەرز سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جاڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: "ئەينى چاغدا ئىسپانىيە سوتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە، تىبەت رايونىدىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چىڭلى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىدىكى 9 ئەمەلدارنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى مىڭ جەينجۇ، قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. بولۇپمۇ ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان، 20 يىل جەريانىدا رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن قانلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر. ئەمما "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمىدى. ئۇنى پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن يۆتكەپ كېتىپ، ئورنىغا جاڭ چۈنشيەننى ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەش بىلەنلا چەكلەندى. تىبەت رايونىدىكى جاڭ چىڭلىمۇ ئوخشاش. شۇڭا خىتايدا جازاغا تارتىلمىغان بۇ خىل ئەمەلدارلار ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى خەلقئارا ۋىجدان سوتىغا تارتىش كېرەك."

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئالدى بىلەن ليۇ گاڭ قاتارلىق 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىنىڭ خۇ جىنتاۋ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزنىڭ نيۇ - يوركتىكى فېدېراتسىيە سوتىغا ئوخشاش سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دىلشات رىشىت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلەنگەن، ۋاڭ لېچۈەن، نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنىڭ جىنايى پاكىتلىرى توپلىنىپ، ئۇلار ئۈستىدىنمۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز سۇنۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.