دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنىدە ئۇيغۇرلار
2011.08.29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىنى «دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش » كۈنى قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتكەن. ئەسلىدە 29-ئاۋغۇست كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان تېررىتورىيىسى ئىچىدە قۇرغان سېمىپالاتىنسك يادرو سىناقلىرى مەركىزىنىڭ تاقالغان خاتىرە كۈنى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مانا بۇ مەركەزنىڭ تاقالغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولغان 2009-يىلىدا بۇ كۈننى ھەر يىلى «دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى قارار قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاننىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدىغان شەمەي رايونىدا قۇرغان بۇ يادرو سىناق مەركىزىدە 450 قېتىمدىن ئارتۇق ئاتوم بومبىسى پارتلاتقان بولۇپ، 1 يېرىم مىليون كىشى بۇنىڭ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرىغان. بۇ مەركەز 1989 -يىلى تاقىلىپ، يادرو سىناقلىرى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ئەمما رادىئاكتىپلىشىشنىڭ تەسىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
بۈگۈن «دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى بان كىمۇن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنسانلارنى يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيىنى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىش، ئۇلارنى بۇ جەھەتتە تەربىيىلەشنىڭ بىخەتەر بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يادرو قوراللىرىدىن خالىي بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بۇرچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ خاتىرجەم ۋە تىنچ بىر دۇنيا يارىتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاساسىي شەرتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2009-يىلى 29-ئاۋغۇستنى «دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش» كۈنى قىلىپ بېكىتكەندىن بېرى بۇ ھەقتە دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. دۇنيا مىقياسى بويىچە تۈرلۈك تەتقىقات خىزمەتلىرى، ئىلمىي يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ماقۇللاپ، كىتاب -ماتېرىياللار، ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تارقاتقان ۋە دۇنيا مىقياسى بويىچە يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى قىلغان.
ئۇنداقتا، دۇنيادا كىشىلەرنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى بارغانسېرى ئۆسۈپ بېرىۋاتقان ۋە بۇنىڭغا قارشى ئاۋازلار كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان يادرو سىناقلىرىدىن قانچىلىك خەۋەردار؟ ئەپسۇسكى، مۇتەخەسسىسلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لوپنوردا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق يادرو سىنىقىدىن ئانچە خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.
يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، ئەنگلىيىدە يادرو سىناقلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوختۇر ئەنىۋەر توختى ئەپەندىنىڭ بايانى. ئۇ، دۇنيا يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بىلدۈرگەن مۇلاھىزىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىدىن كېيىن رايوندىكى رادىئاكتىپلىشىش مىقدارىنىڭ ياپونىيىنىڭ خىروشىما ئارىلىدا پارتلىتىلغان يادرو بومبىسىدىن كېيىنكى رادىئاكتىپلىشىشتىن 300 ھەسسە يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1964-يىلىدىن 1996 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى پارتلاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل غەيرىي كېسەللىكلەر، مېيىپ تۇغۇلۇش ۋە راك كېسەل ئالامەتلىرىنىڭمۇ ئالاھىدە جىقلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى دەپ قارالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يادرو سىناقلىرىنى 1996-يىلى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاتوم تەتقىقات ئەترىتىنى دەرھال تارقاقلاشتۇرغان ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ھەربىي مەخپىيەتلىكلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى قاتتىق كونترول قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھېلىھەم شۇ ۋاقىتتىكى ئاتوم سىنىقىدىن قالغان رادىئاكتىپلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاننىڭ ئۈستىگە، ھازىر خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىنى باشقا دۆلەتلەردىن پۇل ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يادرو ئەخلەتلىرىنى تۆكىدىغان ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنىڭمۇ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار، مانا بۇ خىل ئەھۋاللارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنى ھەققىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكتە.