ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ياسىغان ياغاچ ماشىنا 6 ئايدىن بېرى قەشقەردە ساغلام قاتنىماقتا

سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ توسۇقلىرى ئارقىلىق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن قەستەن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان ھۈنەر-ماھارەتلىرىگە تايىنىپ زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرەققىياتىغا يېتىشىشكە ۋە ماسلىشىشقا تىرىشماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.22
yaghach-mashina-uyghur-ijadiyiti-305.jpg ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ياسىغان ياغاچ ماشىنا 6 ئايدىن بېرى قەشقەردە ساغلام قاتنىماقتا. 2012-يىلى نويابىر.
Facebook tin elinghan

قەشقەر شەھىرىدىكى ھۈنەرۋەن مەمتىمىن سەمەرنىڭ ماتورلۇق ياغاچ ماشىنا ياساپ چىقىشى ئەنە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ بىر مىسالى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا قەشقەر يەرمەنكىسىگە قويۇلغان مەزكۇر ياغاچ ماشىنا 6 ئايدىن بېرى قەشقەر كوچىلىرىدا ساغلام قاتنىماقتا. مۇخبىرىمىز مەزكۇر ماشىنىنىڭ ئىشلەش پرىنسىپلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەققىدە ماشىنىنىڭ ئىجادكارى مەمتىمىن سەمەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟

سوئال: سىز قەشقەردىكى ماتورلۇق ياغاچ ماشىنا ياسىغان كىشى بولامسىز؟
جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ.

سوئال: مەن ئامېرىكىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن.
جاۋاب: تېلېفون قىلغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

سوئال: بىز، سىز ياسىغان ماشىنىنى يەرمەنكە ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن كۆرگەن. ماشىنىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق: بۇزۇلماي-چۇۋۇلماي مېڭىۋاتامدۇ؟
جاۋاب: مېڭىۋاتىدۇ. ئائىلە ماشىنىسى ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىمەن؛ كۈنىگە قەشقەر شەھەر ئىچىگە بىر-ئىككى قېتىم كىرىپ چىقىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا (ئەسلى مەھەللەم) يامانيارغىمۇ ئايدا بىر-ئىككى قېتىم بېرىپ كېلىپ تۇرىمەن.

سوئال: يامانيارغىمۇ مۇشۇ ياغاچ ماشىنىڭىز بىلەن بارامسىز؟
جاۋاب: شۇنداق.

سوئال: ئۇنداقتا، بۇ ياغاچ ماشىنا ئائىلىڭىزنىڭ ئاساسلىق بىر ئىشلەپچىقىرىش قورالىكەن-دە؟
جاۋاب: دەل شۇنداق.

سوئال: ماشىنىڭىزنىڭ ئىشلەش پرىنسىپى قانداق؟ يەنى قانداق ھەرىكەتلىنىدۇ؟
جاۋاب: ماشىنىنىڭ كۆپ قىسمى ياغاچتىن قۇراشتۇرۇلغان، ئاز بىر قىسمى مېتال؛ ماتورلۇق، توك ئارقىلىق ماڭىدۇ.

سوئال: ماشىنىڭىزنىڭ ئادەتتىكى تۆمۈر ماشىنىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئارتۇق-كەم تەرەپلىرى قايسى؟
جاۋاب: بىرىنچىسى، تەننەرخى تۆۋەن، ئىككىنچىسى پەرقلىق بولغاچقا كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئاڭلىسام تۆمۈردىن ياسالغان نەرسىلەر ياغاچتىن ياسالغانغا قارىغاندا زىيانلىق دەپ قارىلىدىكەن، شۇڭا زىيانلىق ئەمەس. يېتەرسىزلىكى تۆمۈر ماشىنىلاردەك سۈرئىتى تېز ئەمەس، سائىتىگە 20-30 كىلومېتىر، تېز بولغاندا 40 كىلومېتىر سۈرئەتتە ماڭغىلى بولىدۇ.

سوئال: سىز ماشىنىنى ياساشتا، مۇشۇ خىل ماشىنىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشتا پايدىلىنىش مەقسىتىدە ياسىغانمۇ ياكى پەقەت بىر ھۈنەر-ماھارەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ياسالغانمۇ؟
جاۋاب: ھەر ئىككىسى بار. مەن بىر ھۈنەرۋەن، تالدا چويلا ياساشتىن تارتىپ ياغاچتا ۋېلىسىپىت ياساشقا قەدەر جىق نەرسە ياساپ بېقىپتىمەن، ياغاچتا ماشىنا ياسىغىلى نېمىشقا بولمىغۇدەك دەپلا تىرىشتىم، ئاخىرى ياساپ چىقتىم، 6 ئايدىن بېرى مېڭىۋاتىدۇ، 90 % سىنىقىمدىن ئۆتتى، غەلىبە قىلدىم.

سوئال: ياغاچ ماشىنىڭىز يەرمەنكىگە قويۇلدى، ئەينى چاغدا كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ھېچ بولمىدى دېگەندە مۇشۇ نۇقتىدىن بولسىمۇ ئۆزىڭىز تەۋە يېزا ياكى كەنتتىن بىر قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق ئىش بولمىدى. مەن ئەسلىدە يېڭىشەرنىڭ يامانيار يېزىسىدىن، 13 يىلدىن بېرى، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ھەزرەتتە تۇرۇۋاتىمەن. بەلكىم ئىككى ئارىلىقتا بولغىنىم ئۈچۈن ئىزدىگۈچىلەر بولمىدى.

سوئال: بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىز نېمە؟ يەنە باشقا يېڭى نەرسىلەرنى ياساپ بېقىش ئويىڭىز بارمۇ؟
جاۋاب: (ئىقتىسادى) ئەھۋالىم بەك ياخشى ئەمەس، بىر تەرەپتىن ئائىلىدىكى 4 بالىنى بېقىش، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ھۈنەر-ماھارەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش بىلەن ئۆتۈۋاتىمەن. بۇرۇنمۇ ياغاچتا ۋېلىسىپىت ياسىغان ئىدىم، ھازىرغىچە قوللىنىۋاتىمەن، ياغاچ ماشىنىنىمۇ 3-4 يىلدا ياساپ چىقتىم. يېقىندىن بۇيان سىزگە ئوخشاش قوللىغۇچىلىرىم كۆپىيىۋاتىدۇ؛ ئىنشائاللا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەنە يېڭى نەرسىلەرنى ياساش ئويۇم بار....

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.