قوناقلىقنى خىتاي تەرەپ ئالتە سائەت قورشاۋدا تۇتقان. بۇ جەرياندا خىتاي ساقچىلىرى رادىئو كانىيى ئارقىلىق گۇماندارلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. گۇماندارلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان. خىتاي ئەسكەرلىرى قوناقلىققا دەرھال باستۇرۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. ئاخىرىدا خىتاي تەرەپ قورشاۋ چەمبىرىكىنى كىچىكلىتىپ، گۇماندارلارنى ئوققا تۇتقان. گۇماندارلاردىن 6 نەپىرى ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپىرى يارىدار ھالەتتە ئەسىرگە چۈشكەن.
گۇماندارلار ئۆلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈشنىڭ ئالدىدا خىتاي تەرەپتىن بىر ئەسكەر ۋە بىر ئامانلىق خادىمى بولۇپ ئىككى كىشىنى يارىلاندۇرغان.
گۇماندارلار ئاخىرقى نەپىسىگىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن
قارشىلىقىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسىنىڭ ئارىسىدا 23 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئانارگۈل مۇتەللىپنىڭمۇ بارلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. قىزىلبويى ساقچى پونكىتى 9 گۇماندارنىڭ بىرىنىڭ ئانارگۈل مۇتەللىپ ئىسىملىك ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈنكى مەلۇماتىدا ئەسىر چۈشكەن 3 نەپەر يارىدارنىڭ ئەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يەنە تۈنۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە ، يامانيار ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ تولۇقسىز مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق. ئىسمىنى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان بىر ئىنكاسچى، يامانيار ۋەقەسىگە ئىككى باك بېنزىننىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇماندارلاردىن 5 نەپىرى 12 - ئاۋغۇست كۈنى كەچتە، ئىككى باك بېنزىننى يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدىن پەيزىۋاتنىڭ قىزىلبويى يېزىسىغا يۆتكەپ ماڭغان. ئىككى باك بېنزىن بېسىلغان ئاپتوموبىل يامانيار يېزىسى بىلەن مىشا يېزىسى ئارىسىدىكى يول تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، پونكىت خادىملىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ۋە ئۇلار بېنزىننى نېمە ئۈچۈن يوشۇرۇپ ۋە كېچىدە ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى سورىغان.
گۇماندارلار بېنزىننى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئامانلىق خادىملىرىنىڭ گۇمانى يېشىلمىگەن. گۇماندارلار ئامانلىق خادىملىرىغا ، ئۆزلىرىنىڭ يامان ئادەم ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇلارغا مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىقىنى ئەسلىتىپ نەسىھەت قىلغان ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
يامانيار ۋەقەسى گۇماندارلارنىڭ پىلانى سىرتىدا يۈز بەرگەن
نەسىھەتكە پەرۋا قىلمىغان ئامانلىق خادىملىرى ئەھۋالنى باشلىقىغا دوكلات قىلىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىغا قول ئۇزاتقان چېغىدا گۇماندارلار پىچاق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەن، 3 نەپىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 1 نەپىرىنى يارىلاندۇرۇپ، سەپىرىنى داۋام قىلغان. يامانيار ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى باك بېنزىننىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى قىزىلبويى ساقچى پونكىتىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ سۆزلىرىمۇ ئىسپاتلىماقتا.
بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىلبويى ۋەقەسى يۈز بەرگەن قوناقلىققا يېقىن جايدىكى بىر قورودىن 2 باك بېنزىن تېپىلغان. بۇ قورو يامانيار ۋەقەسىنىڭ گۇماندارلىرىنى يوشۇرغان دەپ قارالغان ئابدۇشۈكۈر قارىمنىڭ قوراسى بولۇپ، ئابدۇشۈكۈر قارى ساقچىلار تەرىپىدىن نۇقتىلىق كىشىلەر قاتارىدا تىزىمغا ئېلىنغان دىنىي زاتلاردىن بىرىدۇر.
نۆۋەتتە ئابدۇشۈكۈر قارى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ سوراققا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. يەنە تۈنۈگۈنكى ئىگىلىشىمىزدە 23 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئانارگۈل مۇتەللىپنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى قىزىلبويى يېزىسىدا، 57 ياشلىق ئانىسى ئامانگۈل بولسا مىشا يېزىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىگە قەدەر خىتاي قىسىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن 9 نەپەر ئۇيغۇر مۇستەقىللىق جەڭچىسىدىن 6 نەپىرىنىڭ نام شەرىپى مەلۇم، ئۇلار ئابدۇرېھىم ئەھەت، قېيۇم باۋۇدۇن، ئىمام ھەسەن، ھەسەن ھوشۇر ۋە ئابدۇسالام سۇلتان ۋە ئانارگۈل مۇتەللىپلەردۇر.