ياپونىيىدە قېلىشنى قارار قىلغان ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللار قىيىن كۈنلەردە ياپون خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

11-مارت كۈنى ياپونىيىدە يۈز بەرگەن 9 بال قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ياپونىيىدە يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ھەم قۇرۇلۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ھەم ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيىدىكى ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئەھۋالى ھەم ياپونىيىدە قېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيىدە كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى يەنىلا يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى بولماقتا

بۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ياپونىيىدە نۆۋەتتە كىشىلەرنى ئەڭ ئەنسىرىتىۋاتقىنى يەنىلا ياپونىيىدىكى يادرو رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى مەسىلىسى ئىكەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن شەرقىي شىمالدىكى فۇكۇشىما، ئىۋاتە، مىياگى قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىدە ئاتوم رادىئاتسىيىسى تەسىرى بىرقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى بايقالغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى جۈمە كۈنى 25-مارت كۈنىدىكى تېلېۋىزور نۇتقىدا نۆۋەتتە ياپونىيىدىكى فۇكۇشىما ئارىلىدىكى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ يەنىلا خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدىكى مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ھەم ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان مىياگى ئۆلكىسىنىڭ سىنداي شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ھەم قۇرۇلۇش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە كىشىلەرنى ئەنسىرىتىۋاتقىنى يەنىلا يادرو رادىئاتسىيىسى تەسىرى ئىكەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆز بايانىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ ئۆلكىلەردىكى بالىلار ھەم ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىدە دىققەت قىلىشى شۇنداقلا بۇ ئۆلكىلەردىن چىققان كۆكتات، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى بىر مەزگىل ئىستېمال قىلماسلىق ھەم سىرتقا چىقارماسلىقنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى ئۆزىنىڭ سىنداي شەھىرىدىكى مۇساپىرلار رايونىدا كۆرگەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەر تەۋرەشتىن كېيىن قۇرۇلغان مۇساپىرلار كەنتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاھالىلەر ھەم قۇتقۇزۇش خادىملىرى، 15 كۈندىن بۇيان دېڭىز تاشقىنىدا يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش ئىشلىرىنى ھېلىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاپەت رايونىدىكى ئەڭ زور مەسىلە ئاتوم رادىئاتسىيىسى سەۋەبىدىن بۇلغانغان ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى شۇنداقلا يېمەكلىك ھەم ئاپتوموبىللارغا كېرەكلىك بولغان نېفىت گازى قاتارلىقلارنىڭ قىس بولۇش مەسىلىسى ئىكەن.

ياپونىيىدە ئاپەت سەۋەبىدىن ئۆلگەن ھەم يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات يوق

ياپونىيىدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر ھەم يوقاپ كەتكەنلەر سانى يەنىلا ئېنىقلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتماقتا ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 25-مارتقا قەدەر ئاپەتتە ئۆلگەنلەر سانى 10102 نەپەرگە، يوقاپ كەتكەنلەر سانى 17053 نەپەرگە، مۇساپىرلار لاگېرىدا پاناھلىنىۋاتقانلار سانى 250مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى بۇ قېتىم يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغان جايلاردا بولمىغىنى چۈن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆلۈش، يارىلىنىش ھەم ئاتوم رادىئاتسىيىسىدىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئاپەتتىن كېيىن نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر ياپونىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللار يەنىلا ياپونىيىدە قېلىپ، ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياپونىيىلىكلەر بىلەن بىللە بولۇشنى قارار قىلغان.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ياپونىيىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ زور بىر قىسمى ياپونىيىدىن كېتىشكە باشلىغان. ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللارنىڭ ئىچىدىمۇ زور بىر تۈركۈمى كېتىشنى قارار قىلغان. ئەمما يەنىلا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللار ياپونىيىدە داۋاملىق قېلىشنى قارار قىلغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ھەم كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندىلەر ياپونىيىدىن كەتمەسلىكنى قارار قىلغان ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىلىكلەر بىلەن پەقەت راھەت كۈنلەردىلا ئەمەس، بەلكى بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشنى قارا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆزى ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدە قېلىش يولىنى تاللىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئۆز قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كھەرەىد كھۇۋىسگالت ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«شۇنداق نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر كەتتى. ياپونىيىدە تەخمىنەن 10000دەك موڭغۇل بار. تاشقى موڭغۇلدىن كەلگەنلەر ئاساسەن كەتتى. ئەمما ئىچكى موڭغۇلدىن كەلگەن موڭغۇللارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا كەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق. چۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەھۋالى بۇ يەردىكىدىنمۇ ناچار، مەيلى مۇھىت بۇلغىنىشى بولسۇن ياكى سىياسىي بېسىم بولسۇن، بىز موڭغۇللارغا ئۇ يەردىكى بېسىم تېخىمۇ ئېغىر. ئۇنىڭدىن باشقا بىز موڭغۇللار ئىلگىرى ياپون خەلقىنىڭ دوستلۇقى ھەم ياردىمىگە ئېرىشتۇق. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، شۇڭا بۇ كۈنلەردە بۇ يەردە قېلىپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ئۆز ياردىمىمىزنى قىلماقچى بولۇۋاتىمىز.»