ياپونىيىدە ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ، 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە ھەر ساھەدىن ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 65 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. بۇ يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى `ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يىمىرىلىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر` تېمىسىدا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى شىرەشى ئەپەندى بولسا `ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى` توغرىسىدا سۆز قىلغان.

كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچەكى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى خاتىرىلەش يىغىنى بولسىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇندىن 60 - 70 يىل بۇرۇن بۇنداق دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرالىشىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ قانداق يۇقىرى ئاڭ سەۋىيىگە ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ياپونلۇق دوستلار يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك سوئاللارنى سورىغان.