بۇ نامايىشنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا توكيودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە ياپونلاردىن بولۇپ، 4 - 5 يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. قوللىرىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، ياپون ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن بۇ نامايىشچىلار، كوممۇنىستلارنى يوقىتايلى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا ئەركىنلىك، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى چىقايلى دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشقان.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدىنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ تۈركىيىدىن ئالاھىدە ياپونىيىگە بېرىپ قاتناشقان بولۇپ، نامايىشنىڭ باشلىنىشىدا سۆز قىلغان. بۇ نامايىشنى توكيودىكى كۆپ ساندىكى چەتئەل ۋە ياپون ژورنالىستلىرى تاقىپ قىلغان.
بۇ نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى سانىدا `توكيودا ئۇيغۇر تىبەت دايانىشماسى` يەنى `توكيودا ئۇيغۇر تىبەت ھەمكارلىقى` تېمىسىدا يەر بەردى.
بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەخ مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
0:00 / 0:00