ياپونىيىدە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يەر سېتىۋېلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ياپونىيە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ نىگاتا شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2012.11.17
yaponiye-xitay-namayish-305.png ياپونىيەنىڭ نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ نىگاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Qutluq


نامايىش خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يەر سېتىۋېلىپ، كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقىغا قارشى تۇرغان. ۋە خىتاينىڭ ياپونىيىگە قىلىۋاتقان زوراۋانلىق سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىمۇ تىلغا ئېلىندى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ياپونىيە ئوتتۇرا - ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم نامايىشتا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

نامايىشقا نىگاتا ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى شەھەر - يېزىلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە كىشىلەردىن بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى

نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە باشلىنىپ سائەت ئۈچتە ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.