ياشلار ئاۋازى تور بىتى ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

ئاۋسترالىيىدىكى ياشلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياشلار ئاۋازى تور بىتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا دىققىتىنى قوزغىغان.

0:00 / 0:00

بىرلىككە ئىنتىلگەن، بىلىمگە چاڭقىغان ۋە ۋەتىنىگە تەلپۈنگەن مۇھاجىرەتتىكى ياش يۈرەكلەرنى بىرلەشتۈرۈش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە ئورنىتىشنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىي بولغان تىل، دىن ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ياشلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆز شوئارى دەپ بىلگەن، ياشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بۇ توربەت ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تور بەت قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۈمىد بىلەن زىيارەت ئىلىپ باردۇق.