تۇنىس ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتايدىمۇ بۇ خىلدىكى نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
27-مارت كۈنى خىتايدىكى 50تىن ئارتۇق شەھەردە 6-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى ئېلىپ بېرىلدى. بوشۈن قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ياسىمەن گۈلى نامايىشىدا سەيلىگە يىغىلغان كىشىلەر قوللىرىغا ياسىمەن گۈلى چېيىنى تۇتقىنىچە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مەيدانلاردا ئەركىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقان. مەلۇم بولۇشىچە، 6-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى مەزگىلىدە قوراللىق ساقچىلار نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى بولىدىغان نۇقتىلاردا چارلىغۇچى ساقچىلار ھەم پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كۆپەيتىلگەن. ساقچىلار قوللىرىغا ياسىمەن گۈلى چېيى كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەرگە قارىتا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرغان.
28-مارت كۈنى بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ لەننىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىگە بىلدۈرۈشىچە، 27-مارت كۈنىدىكى ياسىمەن گۈلى يىغىلىشىدا ئۇ تونۇيدىغان بىر قىسىم تور ئابونتلىرى قولغا ئېلىنغان. بېيجىڭ شەھىرىدە ساقچىلار بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا قاتنىشىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئەرزدارلار ھەم ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىنى ساقچىلار قامال قىلغان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى سىرتقا چىققان ئوقۇغۇچىلار سۈرۈشتە قىلىنغان.
خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە نىسبەتەن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى ھەم خوڭكوڭدا چىقىدىغان «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىلەر ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز بايانىدا ئالدىنقى 6 قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ خىتايدا مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«مېنىڭچە، ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى خىتايدا مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشتى. چۈنكى خىتاي ھازىر تور ئابونتلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قوزغالغان بۇ پائالىيەتكە جىددىي قاراۋاتىدۇ. مىسىر، يەمەن، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دېموكراتىك ئىنقىلابقا دائىر بارلىق خەۋەرلەرنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. بىر ئايدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ھەم تەسىرى بار شەخسلەرنى قولغا ئېلىشنى جىددىيلەشتۈردى. خىتايدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنكى ئەڭ قاراڭغۇ دەۋر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خۇددى تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرىكى سۈبھى قاراڭغۇلۇقىغا ئوخشايدۇ. مانا بۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.»
بۈگۈن بوشۈن تور بېكىتىنىڭ رېئال جۇڭگو سەھىپىسىدە 2-3-ئاپرېل كۈنلىرى يەنە 7-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا نۇقتىلىق ھالدا بېيجىڭدىكى شىدەن سودا مەركىزى، خەيديەن رايونى، بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى، ئولىمپىك مەركىزى، ۋاڭفۇجىڭ سودا مەركىزى قاتارلىق 10 چوڭ مەركەز ھەم خىتايدىكى 61 شەھەردە شۇنداقلا خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى، خوڭكوڭ، تەيبىي، نيۇ-يورك، سان فرانسىسكو، سىنگاپور، تايلان، كانادا قاتارلىق رايون ھەم دۆلەتلەردىكى 8 چوڭ شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا 7-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا 7-قېتىملىق يىغىلىشنىڭ 1976-يىلىدىكى 5-ئاپرېل ۋەقەسى يەنى 1976-يىلى قازا قىلغان خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئىنلەينى خاتىرىلەش ھەم ماتەم تۇتۇش باھانىسىدە قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەتنى خاتىرىلەشكە بېغىشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە 7-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى يىغىلىشىنىڭ 1976-يىلدىكى 5-ئاپرېل ۋەقەسىگە بېغىشلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
«مىسىر، تۇنىس قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە قوزغالغان دېموكراتىك ئىنقىلابلار تەسىرىدىن خىتايدا قوزغالغان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى ھازىرغا قەدەر داۋالىغۇچ ھالىتىدىكى زور كەيپىيات شەكىللەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت مۇشۇ خىل تىنچلىق شەكىلدە ئۈزۈلمەي داۋاملاشسا خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىغا ئاساس سېلىشى مۇمكىن. 7-قېتىملىق ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى 1976-يىلدىكى 5-ئاپرېل ۋەقەسىگە بېغىشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بەلكىم بۇندىن كېيىنكى ياسىمەن گۈلى ھەرىكەتلىرى يەنە 1919-يىلى 4-ماي كۈنىدىكى ياشلار ھەرىكىتى، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق چوڭ ۋەقەلەرنى خاتىرىلەشكە بېغىشلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئەگەر ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتى مۇشۇ تەرىقىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ، خىتايدىكى پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان چوڭ ھەرىكەتكە ئايلىنالىسا، ئۇ چاغدا خىتايدىكى كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمنى تىنچ شەكىلدە ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.»
ياڭ جيەنلى ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، ھازىر خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىنىڭ تىبەتلەر ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياسىمەن گۈلى ھەرىكىتىگە ئوتتۇرا شەرقتىكى دېموكراتىك ئىنقىلابلارنىڭ تەسىرىدىن باشقا 2008-يىلى تىبەتتە پارتلىغان 10-مارت ۋەقەسى ھەم 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا پارتلىغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى تەسىر كۆرسەتتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتايدا مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتتىكى تىبەتلەرنىڭ مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتلىرى بىرلىشىشى كېرەك. مەن خىتايدا قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەمما خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، خىتاي خەلقى چوقۇم خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى، خىتايدا كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئېزىشىدىن باشقا يەنە قوشلاپ مىللىي زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىشى كېرەك. ئەنە شۇندىلا ھازىرقى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر، تىبەت ھەم موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.