خىتايدىكى تەھدىتلىك ئاتالغۇ-ياۋا كەپتەر
2011.05.11

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۋېتسىيە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ستوكھولىمدىكى ئېنخېدې كۇتۇپخانىسىدا 9-مايدىن 12-مايغىچە تۈرمىدىكى يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىلىرى ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار تېمىسىدا ئوقۇرمەنلەرگە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى باشلىغان ئىدى. پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۈرمىدىكى يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىنغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۋېتسىيە شۆبىسى تەرىپىدىن شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
پائالىيەتنىڭ بېشىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن پوۋېر پويىنت پروگراممىسىدا ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت كۆرسىتىلدى. ھۆججەتتە ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم نۇقتىلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە تەھدىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «خىتايدا پەقەت بىر مىللەت بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەندەك بىمەنە، ئەمما خەتەرلىك تەشۋىقاتنىڭ ماھىيىتى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلار ئەكس ئەتكەن.
كېيىن كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ئاننا تەرىپىدىن نۇرمۇھەممەت ياسىن ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى ۋە ئۇنىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسىنىڭ شۋېدچە تېكىستى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئۇ نۇرمۇھەممەت ياسىن ھەققىدە توختالغاندا، تۈرمە شارائىتىنىڭ زىيادە ناچار بولۇش سەۋەبىدىن ھازىر نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى ۋە ئۇ مۇشۇ ئالتە يىل جەريانىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پەقەت بىر قېتىملا يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇرۇن بۇ ھېكايىنىڭ شۋېدچە تەرجىمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شىۋېت خەلقى بۇ ھېكايە ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىدى، ئەمدى ئۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا تىرىشىمىز.