پروگراممىدا تۈرك سودا سانائەتچىلەرنىڭ يەرمەنكە تەسىراتى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ئاخباراتچى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە پىكىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. تۈرك سودا سانائەتچىلەر يەرمەنكىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەجرىبىسىزلىكنىڭ چانغانلىقىنىڭ بايان قىلسا، تۈرك مۇخبىر ئۇيغۇر رئايونىدىكى تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
تۈرك تېلېۋىزىيىسى مەزكۇر پروگراممىسىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي يەر كۆلىمىنىڭ 1/6 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيە يەر كۆلىمىنىڭ ئىككى يېرىم ھەسسىگە تەڭ كېلىدىغانلىقى، رايوننىڭ، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ زاپاس مىقدارى قاتارلىق مۇھىم ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن باشلانغان. پروگرامما رىياسەتچىسى يەرمەنكىنى تونۇشتۇرۇش داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىنى شىنجاڭ دەپ ئاتاش بىلەن بىرلىكتە، رايوننىڭ «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ماڭغان.
پروگراممىدا بىلدۈرۈلۈشىچە يەرمەنكىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تىجارەتچى ۋە دائىرىلەر بولۇپ 50 مىڭ كىشى قېتىلغان؛ چەتئەللەردىن بولسا، 5 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتراك قىلغان. پروگراممىدا يەرمەنكىگە قېتىلغانلارنىڭ ئەسلى پىلانلانغان ۋە پۈتۈلگىنىدىن ئاز بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ئاز بولۇشىنىڭ سەۋەبى بولسا مەزكۇر يەرمەنكىنىڭ تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈشى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يەرمەنكە ئالدىدىكى ھەددىدىن تاشقىرى سەزگۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، يەرمەنكىگە قېتىلماقچى بولغانلار ئارىسىدا، ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلغان، خوتەن-قەشقەر ۋەقەلىرىمۇ بۇ ئەنسىزچىلىككە تەسىر كۆرسەتكەن، نەتىجىدە يەرمەنكىگە كۈتۈلگەن ساندا ئادەم كەلمىگەن. پروگراممىدا تۈرك مۇخبىرمۇ، ئۈرۈمچىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ جىددىيلىكىنى ئالاھىدە تەسۋىرلىگەن.
تۈرك سودا-سانائەتچىلەر، يەرمەنكىنىڭ ئورنىنىڭ ياخشى تاللانغانلىقى، كۆلىمىنىڭ كەڭ ۋە ئازادە بولغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇغان، ئەمما يەرمەنكىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسىزلىكنىڭ باشتىن-ئاخىر چانغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈرك سودىگەرلەردىن بىرى: «بۇلار يەرمەنكىنىڭ ئەقەللىي قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تېخى چۈشىنىپ يېتەلمەپتۇ» دېگەن. ئۇ بۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ تاموژنىدا بىر قاتار ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەرمەنكىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى خىتاي دائىرىلىرىگە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرقى پۇرسەتتە مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن:
يەنە بىر تىجارەتچى مۇنداق دېگەن:
مەن كۆرۈۋاتقان ۋە ئاڭلاۋاتقانلىرىمغا قاراپ، يەرمەنكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك بولمىغانلىقىنى بايقىدىم، ئەمما بۇنى بۇ خىل يەرمەنكىنىڭ تۇنجى قېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن دەپ قارايمەن.
تۈرك-سودا سانائەتچىلەر يەرمەنكىنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن مەمنۇن بولمىغان بولسىمۇ، يەرمەنكىگە قېتىلغىنىدىن پۇشايمان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر بۇ ئەھۋالنى بۇنىڭ تۈرك سودا سانائەتچىلەرنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما پروگراممىدا ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قېتىلغانلىقىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەر يوق دېيەرلىك. پروگراممىدا يەنە يەرمەنكىگە قاتناشقان تۈركىيىلىك بىر ئۇيغۇر سۆز قىلىپ ، رايونىدا تۈرك ماللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقى، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە تۈرك شىركەتلىرىنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇنداق بولۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلغان.
پروگراممىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخىي قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. تونۇشتۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ 18-،19-ئەسىرلەرگىچە مۇستەقىل ياشاپ كەلگەنلىكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى ۋە نامىنىڭ شىنجاڭغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ، 5 يىل مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ داۋاملاشقانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
پروگراممىدا بىر تۈرك مۇتەخەسسىس رايوندا كۆپلىگەن تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقى، ئەمما بايلىقلارنىڭ تەقسىماتىدا مىللىي تەڭسىزلىك مەۋجۇتلۇقى، بۇ خىل تەڭسىزلىكنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بىرلىكتە تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالغان. مۇخبىر يەنە ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا نىسبەتەن نامرات ۋە ئارقىدا قالغانلىقىنى يازغان.