مۇتەخەسسىسلەر: ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسى ئۇيغۇرلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى ياۋروپا - رۇسىيە ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا بىرلىكىنى رۇسىيە ئۆزى قۇرماقچى بولۇۋاتقان ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنى تونۇشقا ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتۇشقا چاقىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇر
2012.12.24
shanghai-cooperation-305.png بۇ يىل نويابىردا رۇسىيىنىڭ پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلات يىغىدىن بىر كۆرۈنۈش
AFP


ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى سوۋېت ئىمپېرىيىسىنىڭ قايتا تىرىلىشىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بۇنىڭدىن نارازى بولماقتا. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ھەر خىل.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار باش كاتىپى كلىنتون خانىم مۇشۇ ئايدا ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا ئېچىلغان يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە سۆز قىلىپ رۇسىيىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسى قۇرۇش غايىسىگە رەددىيە بېرىپ، بۇنى «قايتا سوۋېتلەشتۈرۈش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋرو ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى راستىنىلا سوۋېتنىڭ تىرىلىشىگە، رۇسىيىنىڭ قايتىدىن ئىمپېرىيەلىشىش خىيالىغا يول ئاچامدۇ؟ كلىنتون خانىم ئەندىشە قىلىۋاتقان بۇ بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا خىتاي قانداق قارايدۇ؟ ئۆزىگە قېرىنداش قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل ۋە كۈچلۈك بولۇشىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ياۋرو ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نېمىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟

كانادالىق كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى دوكتور روبېرت، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش يەنە بىرمۇنچە تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقىنى، ھېچقايسى تەرەپنىڭ سوۋېتنى تىرىلدۈرۈش نىيىتى بولمىغانلىقتىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا كلىنتون خانىمنىڭ نارازىلىقنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ياۋروئاسىيا گەۋدىسى ياۋروپا بىرلىكىگە تەقلىد قىلىنغان بىر تەشكىلات، ئۇ ناتوغا قارىتىلغان بىر ھەربىي بىرلىك ئەمەس. ئۇ پەقەت خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكىگە قارىتا ئىقتىسادىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى قىلىپ قۇرۇلماقچى بولغان بىر تەشكىلات. خىتاينىڭ خەتەرلىك ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ شۇنداق بولغانىكەن بۇ بىرلىك ‹سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ› دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ 20 يىلدىن بېرى رۇسىيىگە باغلىنىدىغان ئېنېرگىيە ۋە باشقا شىركەتلىرى رۇسىيە ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن باغلىنىشىنى قۇرۇپ بولغان. بۇ يەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى قاتارلىق باشقا تەشكىلاتلارمۇ بار. شۇڭا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇنقى سوۋېت سىستېمىسىدىكىدەك رۇسىيىنىڭ مونوپوللۇقىغا ئۆتۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ئورۇنسىز.»

ئەمما، خىتاي تەرەپ بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرمىگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئېنېرگىيە، ھاۋا، ئىلغار تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي خىتاينىڭ قىتئە ۋە دۇنيا مەسىلىلىرىدە رۇسىيە بىلەن بولغان ئۆز - ئارا قوللاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مۇشۇ ئاينىڭ 20 - كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوز قىلىپ: «ھازىر خىتاي رۇس مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يېقىن دەرىجىگە يەتتى» دېگەن

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى روفاللۇ پانتۇچى ئەپەندى، مۇشۇ ئاينىڭ 19 كۈنى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىگىلا قىزىقىدۇ، ياۋرو - ئاسىيا بىرلىكى بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۆزىنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغان ئۆلكىسى شىنجاڭنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى.»

كانادادىكى ئۇيغۇر يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىشتىن مەقسىتى، شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرۈنمەس قوللار ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش ئىكەنلىكىنى، ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى شۇڭا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن راھەتسىز بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش قارا نىيىتى بار. ئۇ بۇنى ‹سودا›، ‹ئىشلەمچى› دېگەندەك بىلىنمەس يوللار بىلەن بېجىرىدۇ. ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسى بۇنىڭغا توسالغۇ بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىختىن بېرى رۇسىيە خىتاي بىلەن دۈشمەنلەشكەن چاغلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن دەرھاللا ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۇيغۇرلارنى سېتىپ كەلدى. ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈكلىرىنى بىرلەشتۈرۈشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە بولسا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سەۋەبىدىن غەرب بىلەن پۇت تېپىشىشتا خىتايدىن ئىبارەت تارىخىي دوستىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.»

دوكتور. روبېرت بۇ ھەقتە توختىلىپ ئوخشاشلا ياۋرو ئاسىيا گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى مۇسبەت قىممەتلەر ئالماشسا نەتىجە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «گەرچە ياۋرو ئاسىيا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرسىمۇ، بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۈچۈن پايدىلىق دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ بىرلىك پەقەت خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان بىلەن، قازاقىستان قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا قوشنا دۆلەتلەر يەنىلا رۇسىيىگە بۇ بىرلىك ئىچىدە تېخىمۇ كۆپرەك بېقىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىكى بۇ خىل ئالمىشىش مەنچە شىنجاڭدىكى ياكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەمما، پەقەت قازاقىستانلا شىنجاڭ بىلەن كەڭ چېگرىداش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئىگە بولغانلىقتىن، خىتاي بېسىمىدىن يەڭگىللىسە رۇسىيە ئارىلىشىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاز بىر قىسىم يول قويۇشى مۇمكىن.»

غۇلام ئوسمان ئەپەندى، ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كلىنتون خانىمنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋرو - ئاسىيا گەۋدىسى گەرچە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنى قايتا تىرىلدۈرەلمىسىمۇ، لېكىن كلىنتون خانىم ئېيتقاندەك سوۋېتلىشىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى رۇسنىڭ ئېغزىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان بىر ھالەتكە ئەكىلەلەيدۇ. بۇنىڭدىكى پۈتۈن مەقسەت غەربكە قارشى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش. ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئەمەس، چۈنكى رۇس ھېچقاچان خىتاينى تەھدىت دەپ قارىمايدۇ، خىتاينى رۇس بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك كۈچى بار دەپمۇ قارىمايدۇ ۋە كۆزىگە ئىلمايدۇ. رۇسنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنى ئۆزى بىلەن پۇت تېپىشەلەيدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇس بىلەن ئىدېئولوگىيە بىرلىكى بولمىغان غەربدۇر.»

ياۋرو ئاسىيا بىلىكى قۇرۇشنى پۇتىن بىلەن نەزەربايۇف 2011 - يىلدىن بېرى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر بىرلىك 2015 يىلى رەسمىي ئەنگە ئېلىنماقچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.