خەمىت ھەمرايېف: مەقسىتىم ئۇيغۇر تىلىدىكى نادىر كىتابلارنى رۇس ۋە فرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئىلمىي تەتقىقات، ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، بىر قانچە كىتابلارنىڭ ئاپتورى، دوكتور خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەندە رادىئو ئىستانسىمىزنى زىيارەت قىلىپ، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلدى

0:00 / 0:00

خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى 10 نەچچە يىل ۋاقىت ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇ تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1994 - يىلى نەشىر قىلدۇرغان.

خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان ئومۇمىي يۈزلۈك قىزىقىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ كىتابنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالمۇتادىكى "تىنچلىق" نەشىرىياتى تەرىپىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك قەغەز ۋە مۇقاۋا ئىشلەتكەن يېڭى تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى بىلە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.