يازغۇچىلاردىكى 'ئەخلاقىي بىھۇشلۇق' قانداق كېسەل؟

1989 ‏ - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، يازغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەر ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا، ئەنگلىيىدە تۇرۇۋاتقان مەشھۇر يازغۇچى ما جەن ئەپەندىنىڭ 4 ‏ - ئىيۇن ۋەقەسىدىن بۇرۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يازغۇچىلاردىن قورقاتتى، ۋەقەدىن كېيىن، يازغۇچىلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن قورقۇدىغان بولدى، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ دېگەن تېما ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ يازغان 'يازغۇچىلاردىكى ئەخلاقىي بىھۇشلۇق كېسىلى' ماۋزۇلۇق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ما جەن ئەپەندى 1980‏ - يىللاردا 'تىلىڭنى چىقارغىن، كۆرۈپ باقايلى' دېگەن ئەدەبىي ئەسىرى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ما جەن ئەپەندى خوڭكوڭغا كېلىپ يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، 1997‏ - يىلى گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە تەكلىپ قىلىنغان، 1999 ‏ - يىلىدىن تارتىپ ئەنگلىيىدە مەخسۇس يازغۇچى بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ۋە جىنسىي تىجارەتنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويماقتا

‏ - ‏ خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ھازىرغا قەدەر ماۋزېدوڭنى تيەنئەنمېندە ساقلاۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئاللىقاچان تاشلىۋەتتى. ئۇ ھازىر كوممۇنىست پارتىيە جەمەتلىرى بىلەن سودىگەرلەر ۋە قاراڭغۇ جەمئىيەت كۈچلىرى بىرلەشكەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ بولدى.، ‏ - ‏ دەپ بايانىنى باشلايدۇ ماجەن ئەپەندى، ‏ - ‏ بۇ ھۆكۈمەت ھازىر خىتايدا ئىقتىسادىي ۋە جىنسىي تىجارەتنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇۋاتىدۇ.

خىتايدىكى يازغۇچىلار ھازىر بۇنداق سىياسى ساھەنىڭ ئويۇنچۇقلىرىغا ياكى قۇللىرىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنداق يازغۇچىلار ھازىر جەمئىيەتنى سەتەڭلەر بىلەن لۆكچەكلەرنى تەسۋىرلەپ يازغان يېڭىچە 'قىزىل راۋاقتىكى چۈش' لەر بىلەن بۇلغىماقتا.

ھۆكۈمەت يازغۇچىلىرىنى خەلق 'سىياسىي چىۋىن' دەپ ئاتايدۇ

‏ - ‏ 1989‏ - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھاياجانلىنىپ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە شۇئارلىرىنى توۋلىغان يازغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئاللىقاچان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ساپ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 'كەسپىي يازغۇچى' بولۇپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەت يادروسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، ‏ - ‏ دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏ - ‏ ئۇلار ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتارىدا ئالىي تەمىناتقا ئىگە، ئۇلارنىڭ مەخسۇس تورالغۇلىرى ۋە شوپۇرلىرى بار. ئۇلار 'نۇتۇق' سۆزلىگىلى ماڭسا، ساقچىلار يول ئېچىپ بېرىدۇ.

گەرچە ئۇلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇپ تۇرۇپ، كوممۇنىست پارتىيە كۆرسەتكەن نىشان بۇيىچە 'ئەدەبىي ئىجادىيەت' بىلەن شۇغۇللىنىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى 'سىياسىيغا ئارىلاشمەيمەن' دەپ چۈشەندۈرىدۇ. خەلق بۇنداق يازغۇچىلارنى 'سىياسىي چىۋىن' دەپ ئاتايدۇ.

ھازىر خىتايدا يازغۇچىلار ئۈچۈن پەقەت ئۈچلا يول بار

ما جەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يازغۇچىلارغا قارىتا 'مېڭە يۇيۇش' سىياسىتىنى قوللىنىپ، بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن رىئال تارىخنى كۆمۈۋەتتى. ھۆكۈمەت ئەينى ۋاقىتتىكى يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. تۈرمىدىن ساق چىقالىغانلىرى ئىشسىز - تەمىناتسىز قالدى، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئەركىن يۈرۈشى چەكلەندى ياكى ئۇلار يىراقلارغا ھەيدەلدى، شۇنداقلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى دائىم چاقىرتىپ كېلىپ سوراق قىلىپ تۇرىدىغان ئادەملەرگە ئايلاندى.

بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوخشىمىغان تەخەللۇس قوللىنىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىۋەردى. ھۆكۈمەت ئۇلارنى سېزىپ قالسىلا 'دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى' دەپ تۈرمىگە تاشلىدى. يەنە بەزىلىرى تەھدىتكە، ئازابقا چىدىماي ھۆكۈمەتكە تېز پۈكتى.

ھازىر خىتايدا يازغۇچىلار ئۈچۈن پەقەت سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ياكى تۈرمىگە كېرىش ياكى قېچىشتىن ئىبارەت ئۈچلا يول قالدى. يازغۇچىلار ھازىر خىتايدا بۇنىڭدىن ئۆزگە ھاياتلىق يولىغا ئىگە ئەمەس.

يازغۇچىلاردىكى 'ئەخلاقىي بىھۇشلۇق كېسىلى'

ما جەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يازغۇچىلارنىڭ راستچىللىق بىلەن يازغان ئەسەرلىرى ئۆكسۈپ قالغانلىقتىن، ھەقىقىي تارىخ ھازىر ياش ئەۋلادلارنىڭ ئەس - خاتىرىسىدىن ئورۇن ئالالماي، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىكى بوشلۇق ھۆكۈمەت يازغۇچىلىرىنىڭ 'قىزىل راۋاقتىكى چۈشلىرى' بىلەن تولدى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'مېڭە يۇيۇش' سىياسىتىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە بېقىنىپ ئەمەلدارلار قاتارىدا ئالىي تەمىنات ئېلىۋاتقان 'كەسپى يازغۇچىلار'نىڭ باشلامچىلىقىدا پەيدا بولغان 'ئەخلاقىي بىھۇشلۇق كېسىلى' خىتايدىكى زىيالىيلار ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە تارقالدى. كەڭ تارقىلىۋاتقان بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ھازىر پۈتۈن ئەلنى ئۈزۈل - كېسىل ئەخلاقىي گۇمرانلىققا باشلاپ ماڭماقتا.