"يىپەك يولى ئۈستىدىكى غېرىپ دۆلەت شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى


2007.01.11

ahsen-utku-kitab-150.jpg
كىتابنىڭ تېشى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىدە ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابلار ئارقا -ئارقىدىن نەشىر قىلىنماقتا. ئۆتكەن ئاي ئاھسەن ئۇتكۇ خانىم يازغان "يىپەك يولى ئۈستىدىكى غېرىپ دۆلەت شەرقىي تۈركىستان" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى.

كىتاب 4 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنجى بۆلۈمدە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ئومۇمى مەلۇماتلار، جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئىقتىسادى، دىنى، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن. 2 - بۆلۈمدە بولسا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، خىتايلارنىڭ ئۇ يەرنى بېسىۋېلىش تارىخى ۋە غوجىلار مەزگىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى تېمىسى ئاستىدا 1933- يىلى ۋە 1944-يىلىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. 3 - بۆلۈمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى تېمىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، دىنى بېسىم، پىلانلىق تۇغۇت، مىللى كەمسىتىش، مائارىپ ۋە تىل جەھەتتىكى بېسىم، ساياھەت ئەركىنلىكى ۋە ئاتوم سىناقلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. 4 - بۆلۈمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنى يېزىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان، خىتاي- تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قاتارلىق تېمىلار بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ قوشۇمچە قىسمىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە مەمەت ئىمىن بۇغرالارنىڭ ھاياتى ئاڭلىتىلغان. كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللى ئىستىقلال مارشىنىڭ تولۇق تېكىستى بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئاپتورى ئاھسەن ئۇتكۇ خانىم، بۇرۇن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئىستانبۇل مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغاندىن كېيىن ھازىر سامان يولى تېلېۋىزىيەسىدە ئىشلىمەكتە.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى ئاھسەن ئۇتكۇ خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

- ھۆرمەتلىك ئاھسەن خانىم، يىپەك يولىدىكى غېرىپ دۆلەت شەرقىي تۈركىستان ناملىق كىتابنى يېزىش پىكرى سىزدە قانداق پەيدا بولغان؟

- مەن بۇ كىتابنى يازغان ۋاقتىمدا ئىنسان ھەقلىرى ۋەخپىدە ئىشلەۋاتقان ئىدىم. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى رايونلار ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ باراتتۇق. مەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدىم. تۇنجى ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىمنى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يازدىم. مەن بۇ دوكلاتنى يېزىشتىن ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيتتىم. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى توپلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. بىز يەنە ئىسلام جۇغراپىيىسى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاۋاتقان ئىدۇق. بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان قىسمىنىڭ يېزىلىشىنىمۇ مەن ئۈستۈمگە ئالدىم. شەرقىي تۈركىستان تۈركىيىگە جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن ئۇزاق بولسىمۇ، تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشاش. ئەمما تۈركىيەدە ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەچكە شەرقىي تۈركىستاننى تۈركىيىدە تونۇتۇشقا بىر تۆھپەم بولسۇن دەپ بۇ كىتابنى يېزىشقا قارار بەردىم.

- سىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ نېمە سىزچە؟

-بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ تۇنجى بولۇپ ئەقلىمگە كەلگەن سەۋەب بولسا خىتاينىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان سىياسى، ئىقتىسادى، تىجارى مۇناسىۋەتلىرىدىن بولسا كېرەك. خىتاي بىلەن بولغان تىجارى مۇناسىۋەتلىرىمىزگە دەخلى يەتمىسۇن، دەپ نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.

- سىز كىتابتا ئۇيغۇر دىيارىنى ناھايىتى ئەتراپلىق ھالدا بايان قىپسىز. بۇ كىتابنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە قانداق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدىڭىز؟

- مەن ئۇ يەرنىڭ ئۇنۇتۇلغان بىر زېمىن ئىكەنلىكىنى ئويلىدىم. چۈنكى، كىتابىمدىمۇ كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇ زېمىن نۇرغۇن مەدىنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان بىر زېمىن. يىپەك يولىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. تۈرك تارىخىدا نۇرغۇن ئىلىم ئادەملىرىنى، ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن بىر زېمىن. ئەپسۇسكى، بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ. مەن بۇلارنىڭ ئۇنۇتۇلغانلىقىنى ئويلايمەن. ئەمما مەن يازغان يىپەك يولىدىكى غېرىپ دۆلەت شەرقىي تۈركىستان ناملىق بۇ كىتابنى، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئەسەر دەپ قارايمەن.

- ھۆرمەتلىك ئاھسەن ئۇتكۇ خانىم، بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا نىمە قىيىنچىلىقلار بىلەن قارشىلاشتىڭىز؟

- كىتابنى يېزىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلارنى تېپىشتا قېيىنچىلىققا ئۇچرىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن تاشقىرىغا مەلۇماتلار بېرىلمەيدىكەن. بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېڭى رەسىم، كۆرۈنۈشلەرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ سىرتىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ناھايىتى قېيىن ئىكەن. مەسىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسى ھەققىدىمۇ ھەر خىل مەلۇماتلار بار ئىكەن. بەزى مەنبەلەردە ئۇيغۇر نوپۇسىنى 8 مىليون دېسە، بەزىلىرىدە 20 مىليون، يەنە بەزىلىرىدە 35 مىليون دەپ يېزىلغان ئىكەن. قايسىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىن قېيىن. مەن كىتابنى يېزىش جەريانىدا تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىنمۇ ياردەم سورىدىم. ھەتتا ئۇلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق ئىكەن.

- ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابقا بولغان قىزىقىشى قانداق؟

-مەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلارنىڭ ئارىسىغا كىرىشىنىمۇ ئويلىمىغان ئىدىم. چۈنكى، تۈركىيىدە قانداق كىتابلارنىڭ كۆپ ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مېنىڭ مەقسىتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرگە بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىش. مەقسىتىمگە يەتتىم دەپ قارايمەن. ياخشى كېتىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا داۋام قىلىمەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.