ھېكىم سىيىت يازغان بۇ شېئىرى سەۋەبىدىنمۇ يەنە بىر قاتار جازالاشلارغا يولۇققان. يېڭىسار دائىرىلىرى ئۇنىڭ توي - تۆكۈنلەردە ساز چېلىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ھېكىم سىيىت ئۆزىنىڭ ئاساسلىق بىر ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
"يېڭىساردا دېھقان بولماق تەس" ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى ھېكىم سىيىت مانا بۇ شېئىرى سەۋەبىدىن بىر قاتار چەكلىمىلەرگە يولۇققان. يېڭىسار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھېكىم سىيىتنى تويغا چاقىرماسلىق ھەققىدە ئاممىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ساقچىلار ئۇنى نەچچە قېتىملاپ توي سورۇنلىرىدىن ئېلىپ كەتكەن.
بۇ يىل 7 - ئايدا يېڭىسار ناھىيىسىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلگەن. ھېكىم سىيىت سۆگەت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشىدىكى سەنئەت ئۆمىكىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيىلەپ نومۇر تەييارلىغان. ئۇ تەييارلىغان نومۇر ئامما ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تاللىشىدىن ئۆتمىگەن ۋە ھېكىم سىيىت بۇ كۆرەككە قاتناشتۇرۇلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھېكىم سىيىت نۆۋەتتە يېڭىسارنىڭ قىشلاقلىرىدىكى قىرغىز چارۋىچىلارنىڭ توي - تۆكۈنلىرىدە ساز چېلىپ، تىرىكچىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.