يېرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا

خىتايدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار مەسىلىسى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسانلىقتا ياشاۋاتقان نامرات ئىشلەمچىلەر كۆپەيمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.05
Beyjingda-sergerdanliq-ichide-tijaret-qiliwatqan-Uyghurlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، www.tudou.com ﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.tudou.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بۇ نامرات ئىشلەمچىلەر سېپىگە يەنە، ئەسلىدىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، جان بېقىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ھەم خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ قوشۇلماقتا.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خىتايچە پروگراممىسىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 6 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرى 2 - ئاينىڭ بېشىدا 1 - نومۇرلۇق ھۆججەت دەپ ئاتالغان، " دېھقانلار تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىۋاتقان 3 مەسىلە" نامىدىكى ھۆججەتنى چۈشۈرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل بۇ ھۆججەت يىللاردىكىدىن بالدۇر يەنى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىلا ئېلان قىلىنغان. بۇ ھۆججەتتە تەكىتلىنىۋاتقان 3 مەسىلە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ سانائەتلىشىشى، شەھەرلىشىشى، يۇقىرى بېسىملىق تەرەققىياتىدىن ئىبارەت 3 خىل ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ زاۋۇت - شىركەتلەر، مېھمانخانا - ساياھەت ئورۇنلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئاجرىتىلىپ، يەرسىز دېھقانلارنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە جان بېقىش ئۈچۈن سەرسان بولۇپ ئېقىپ كىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن زور تۈركۈمدىكى نامرات سەرگەردان دېھقان ئىشلەمچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن .

خىتاي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 800~900 مىليون نوپۇسىنى ئىگىلەيدىغان دېھقانلار يەنىلا خىتايدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەر توپىغا كىرىدىغان بولۇپ، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ نامراتلىشىش ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان.

خىتايدىكى دېھقانلار مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور جاڭ شىنگۇاڭ ئەپەندى، بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتايدىكى نامرات دېھقانلار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاينىڭ بۇ يىل 1 - يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەڭ قەدەملىك تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش، دېھقانلار تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ ھەقسىز كەسپى بىلىم تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى تولىمۇ مۈشكۈلدۇر. سەۋەبى يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار ھازىر تۈركۈم - تۈركۈملەپ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىلغۇدەك ئىش تاپالىغانلىرىنىڭ شەھەرلەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشى، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشى، داۋالىنىشى قىيىن بولۇۋاتىدۇ، ئىش تاپالمىغانلىرىنىڭ ئەھۋالى بولسا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق."

ھالبۇكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەسلىدىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان يەرلىرىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچى قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. يېرىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا سەرسانلىقتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىش تېپىش، ئۆي ئىجارىگە ئېلىش، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەتلەردىلا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈنلا خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشقا، ساقچىلار تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ تۇتقۇن قىلىنىشقا،بازار باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن" كىنىشكىسىز، قانۇنسىز سودا - سېتىق قىلدىڭ" دەپ ئازغىنا دەسمايىلىرىنىڭمۇ تارتىۋېلىنىشىغا، مېھمانخانىلاردا " شىنجاڭلىق" دەپ كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ ياتاقتا ياتالماسلىققا ئوخشاش تەڭسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىماقتا.

بۈگۈن خىتايدا ئەڭ چوڭ كىنو تورى ھېسابلىنىدىغانتۇدوۇ تور بېكىتىگە "شەرقىي قوۋۇق" (دوڭ جىمىن) نامىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان بولۇپ، فىلىمدە ئەسلىدىكى يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭدا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتچىلىق ۋە كەمسىتىلىش ئىچىدىكى تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

فىلىمدە بىر نەچچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدا نامراتچىلىق ئىچىدە تىرىشىپ - تىرمىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ يۇرتىدا تۇرمۇشىنى قامداش ئىمكانىيىتى بولماي، بىر نەۋرە ئاكىسىنى پاناھ تارتىپ بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى، ئەمما بېيجىڭدىكى ھاياتىنىڭمۇ ئېغىر تۇرمۇش بېسىمى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجارە ئۆي تېپىشنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى، ئىچكى جەھەتتىن ساقچىلارنىڭ "شىنجاڭلىقلارغا ئۆي بېرىلمىسۇن!" دېگەن بۇيرۇقى بولغىنى ئۈچۈن بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرى ئۆيلىرىنى ئىجارىگە بەرگەنلەرنىڭمۇ ھازىر ئۆيلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا باشلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى بايان قىلىدۇ.

يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ تەسلىكىنى بېيجىڭدا كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇش شارائىتىنىڭ شۇ قەدەر ناچار بولۇشىغا قارىماي، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ بارسا كۈن ئالماقنىڭ تېخىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقىنى، شۇڭا چىشىنى چىشلەپ بۇ يەردە قېلىپ پۇل تېپىپ ئۆز يۇرتىغا كېتىشنى ئويلايدىغانلىقىنى، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆزىگە ئوخشاش نامرات دېھقانلارغا ياردەمدە بولۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بىر دېھقان ئۆز يۈرەك سۆزىنى بايان قىلىدۇ.

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، نۆۋەتتە يەر - زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ جان بېقىش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي دېھقانلىرىدىن پەرقى شۇ يەردىكى، ئۇلار ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا كەمسىتىشى، چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭمۇ تۈرلۈك كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. بېيجىڭدا تىرىكچىلىك غېمىدە تىرمىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار پەقەت ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاز بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت خالاس!

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 06, 2010 04:58 AM

ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺟﯧﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ..... ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻼ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.