خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ " يېشىل توسما پىلانى" نىڭ ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان "بېيجىڭ يېشىل توسما يۇمشاق دېتالى تەتقىقات مەركىزى" ئۆتكەن يەكشەنبە مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن تاقالغان." يېشىل توسما پىلانى" نىڭ يەنە بىر ئىجراچىسى " خېنەن جېڭجۇ جىڭخۇي شىركىتى" مۇ مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
"يېشىل توسما" مەخسۇس تور ئۇچۇرلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن بىر خىل يۇمشاق دېتال بولۇپ، بۇلتۇر 5 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدا سېتىلىدىغان بارلىق كومپىيوتېرلارغا يېشىل توسما دەپ ئاتىلىدىغان ئىنتېرنېت يۇمشاق دېتالى ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا بۇ پىلان ئۈچۈن 41 مىليون 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى مەبلىغى ئاجراتقانلىقىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىل مۇلازىمەتتىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي مائارىپ مىنىستىرىمۇ ئەينى چاغدا خىتايدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى كومپىيوتېرلارغا " يېشىل توسما" ئورنىتىشنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيان خىتايدا تەخمىنەن 20 مىليون تور ئابونتى بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىۋاتقان ئىدى.
كانادادىكى كومپىيوتېر مۇتەخەسىسى ئۆمەرجان ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي " يېشىل توسما" دەپ ئاتىغان، ئەمەلىيەتتە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى توسۇش رولىنى ئوتەيدىغان بۇ خىل يۇمشاق دېتال ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇلتۇر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتاي ئىچىدە بۇ پىلاننى يولغا قويۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، تور ئابونتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.خىتايدىكى بەزى تور بەتلىرىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، خىتايدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ 80٪ ئۆز كومپىيوتېرلىرىغا " يېشىل توسما" دەپ ئاتالغان بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى قاچىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايدا كومپىيوتېر سودىسى قىلىدىغان چەتئەل شىركەتلىرىمۇ خىتاي بازارلىرىدا سېتىلىدىغان كومپىيوتېرلارغا بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى رەت قىلغىنى ئۈچۈن، بىر يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن چەتئەل كومپىيوتېر شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۆمەرجان ئەپەندى" يېشىل توسما"نىڭ تور ئابونتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى تور ئابونتلىرىغا مەجبۇرىي تېڭىپ، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، تور ئابونتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ، نەتىجىدە بۇ خىل يۇمشاق دېتالنىڭ بازارغا سېلىنىشىدا ئېغىر توسالغۇلار پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە "بېيجىڭ يېشىل توسما يۇمشاق دېتالى تەتقىقات مەركىزى"نىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان. كىشىلەر بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر يىلدىن بۇيان خىتايدا يولغا قويغان " يېشىل توسما" پىلانى ھەم بىر يىل ئىچىدە بۇ پىلان ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سەرپ قىلغان 41 مىليون 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنىڭ بىكارغا كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەلق تاپشۇرغان باج بەدىلىگە كەلگەن بۇ پۇلنىڭ ھېسابىنى خەلق ئالدىدا ئاشكارىلىشىنى، پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى داۋاملىق بوغۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ھۆكۈمەتنىڭ، پەقەت پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى توسۇش ئۈچۈنلا خەلق تاپشۇرغان باج بەدىلىگە كەلگەن بۇ قەدەر زور دەرىجىدىكى مەبلەغنى ئىسراپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بىرەيلەن شۇنداق يازغان: " يېشىل توسماغا ئوخشاش بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدىلا 41 مىليۇن 700 يۈەننى ئىسراپ قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ بۇ خىل يۇمشاق دېتالنى كېڭەيتىشكە ئەمەلىيەتتە 20 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا تەشكىللىسىلا كۇپايە ئىدى. ئەگەر ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق مائاشىنى 10 مىڭ يۈەن دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، بىر يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ مئائاشى ئۈچۈن 2 مىليون 400 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىناتتى. ئىشخانا ئىجارىسى، توك، سۇ پۇللىرىنى قوشقاندىمۇ 3 مىليون 500مىڭ يۈەن شىركەتنىڭ بىر يىللىق چىقىمىغا كەڭتاشا يېتەتتى. 41 مىليون 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ئاز دېگەندىمۇ شىركەتنىڭ 10 يىللىق چىقىمىغا يېتىدۇ! ھازىر ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى توسۇش ئۈچۈنلا تاپشۇرغان باج پۇلىمىزنى ھاۋاغا خەجلەۋاتىدۇ!"
خىتاي خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز ھالدا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتايدا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى چەكلىمىلەر بۇلتۇردىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن ئىدى.ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلى بولسا خىتايدا ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ئەڭ ئېغىر رايون دەپ قارالماقتا. بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 6 ئايدىن كېيىن چەتئەل بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنى، 10 ئايدىن كېيىن رايوننىڭ ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر تور بەتلىرى تېخىچە ئەسلىگە كەلمىدى. ئەينى چاغدا تۇتۇپ كېتىلگەن تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
