خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يېزا مائارىپ سىياسىتى قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ؟
2006.01.12
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان يېزا مائارىپى سىياسىتىدە، بۇندىن كېيىن يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دەرسلىك كىتاب پۇلىنى بىكار قىلىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن. بىز مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردا قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم زىيالىيلارنى ۋە شۇنداقلا يېزا مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆپ ساندىكى زىيالىيلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا مائارىپى ھەققىدە بېكىتكەن سىياسىتىنىڭ دېگەندەك تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
سېلىنغان مەبلەغ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس
يېقىندا يېزا رايونىدىكى مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە دوكلات ئېلان قىلغان خۇ بېي ئۆلكىسىدىكى خىتاي زىيالىيسى ليۇ فېييۆ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ " ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا مەبلەغ مەسىلىسى. مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يېزا مائارىپىغا سالغان مەبلىغى يەنىلا ناھايىتى ئاز دىيەرلىك" دەپ بىلدۈردى.
يېقىندا بېيجىڭدا نەشىر قىلىنىدىغان گۇئاڭمىڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - قېتىملىق بۇ 5 يىللىق پىلانىدا نامرات يېزا رايونلىرىدىكى 36 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش ۋە كىتاب پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش كېرەك دەپ كۆرسەتكىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ مائارىپ خىراجىتى ۋە ئوقۇتۇش تۈزۈمى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىۋاتقان چارە - تەدبىرلىرى يەنىلا ئۈنۈملۈك بولمىغان.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى يېزا مائارىپى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ليۇ فېييۆ خىتايدىكى يېزا مائارىپىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
بەزى پۇللار كۆتۈرۈۋېتىلگەن، بەزىلىرى قوشۇلغان
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر رايونىدىكى بىر دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش ۋە كىتاب پۇلى ئالماسلىق قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر يېزىدىكى دېھقان بالىلىرى ھەقىقەتەن ھەقسىز ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈكى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يېنىكلىگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر يوپۇرغا يېزىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى مەزكۇر يېزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە كىتاب پۇلى كۆتۈرۈلىۋېتىلگىنى بىلەن، مەكتەپ ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا خىل شەكىلدە يەنى "يانداش پۇلى"، "تاپشۇرۇق پۇلى" دەپ ئاتالغان قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىيال پۇلى يىغىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا مائارىپى ھەققىدە بېكىتكەن بۇ يېڭى سىياسىتىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- زىيالىيلار خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مائارىپى ھەققىدە توختالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش قارارى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
- كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشسىز قالدۇرماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشكەنلەر سانى ئىنتايىن چەكلىك بولماقتا
- خىتايدا 420 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پۇلى بولمىغاچقا ئالىي مەكتەپكە كىرەلمىدى
- خىتاي دۇنيا بويىچە مائارىپقا مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت