جاڭ چۈنشيەن «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەققىدە جار سالدى

دائىرىلەرنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارغا «رەھىم-شەپقەت» قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاپ قالدۇق، دېدى. 2011-يىلى 8-مارت.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاپ قالدۇق، دېدى. 2011-يىلى 8-مارت.
AFP

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا خىتاي قانۇن دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ، ئاتالمىش «تېررورچىلار» ۋە «ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر» نى قاتتىق باستۇرۇشقا چاقىرىشى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۈگۈن كەڭ خەۋەر قىلىندى. جاڭ چۈنشيەن خىتاينىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇرغا «رەھىم-شەپقەت» قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر دەرىجىلىك 2‏-ئەمەلدارى. خىتاي ج خ مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان «تېررورلۇققا  قارشى تۇرۇش مەملىكەتلىك خىزمەت يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ھەر قانداق كىشىگە «رەھىم-شەپقەت» قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ چۈنشيەن پارتكوم دائىمىي ھەيئەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «زوراۋان تېررورلۇق قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش........نۆۋەتتىكى ھالقىسىمان زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش، زوراۋان تېررورلۇق ۋەقەلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاممىۋى يىغىلىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىپ، زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ساقلاش كېرەك» دېگەن. بۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ 2010‏-يىلى 4‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارلىقىغا يۆتكەپ كېلىنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جار سېلىپ، قاتتىق باستۇرۇشتىن سۆز ئېچىشىدۇر.

بىراق، جاڭ چۈنشيەن ۋە باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارشىلىشىشقا جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى «شەپقەتسىز» باستۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بەزى ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى بېيجىڭنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بېيجىڭ باستۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتسە، نارازىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىياسەت ئانالىزچىسى سكوت فلىپس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ «بىز زوراۋانلىقنى ھەقىقانىيلاشتۇرۇشقا قوشۇلمايمىز. بىراق بىز شۇنداقلا يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىز، بېيجىڭنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئامالسىزلىق ۋە نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق مەنبە. بېيجىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىر ھەرگىز بېسىمنى كۈچەيتىش ئەمەس، بەلكى چەكلىمىنى بىكار قىلىش. بىز بۇنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئامالسىزلىق ۋە نارازىلىقنى پەسەيتىدىغان، ئەھۋالنى ياخشىلايدىغان بىردىن-بىر يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دەيدۇ.

جاڭ چۈشيەن قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ نوقۇل «تېررورلۇق» پائالىيەتلىرىگە قارىتىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ پارتكوم يىغىنىدا يەنە ئەسكەرتىپ، «تېررورلۇق» بىلەن بىرگە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى باستۇرىدىغانلىقىنى، دىنىي ئەسەبىي دەپ قارالغان ئۆكتىچى پىكىردىكى دىنىي رەھبەرلەرنى باستۇرۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. چاڭ چۈنشيەن «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يېتەكچى ئۇنسۇرلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش لازىم.........مەركەزنىڭ قانۇننى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، سىڭىپ كىرىشنى توسۇش، جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى پرىنسىپىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن. لېكىن ئانالىزچىلار، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئىنتايىن مۈجمەللىكىنى، نورمالدا تىنچ دىنىي پائالىيەت بىلەن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» ئارىسىدا چەك-چېگرا يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ كۆپ تىنچ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق» ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت»كە چېتىپ  باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لېكىن، سكوت فلىپس ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ مەنبەسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە بەزى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشى كېرەك. مەسىلىنىڭ مەنبەسى يالغۇز ئىقتىسادلا ئەمەس، بۇنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت سەۋەبى بار. يەنى سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى چەكلىمىسى ۋە بېيجىڭنىڭ تىنچ نارازىلىقنى ئالۋاستىلاشتۇرۇشى. ئىككىنچىدىن، مېنىڭچە رامزان ئېيى تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى، تىنچ دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشنى بىكار قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى. مۇقەددەس رامزان تىنچلىق ئېيىدۇر. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنى ئېتىراپ قىلىپ، چەكلىمىنى كۈچەيتمەسلىكى لازىم. ئۈچىنچىدىن، بىز ھازىرقى پەيتتە يەنە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى بۇ بېيجىڭنىڭ ئىلگىرىلەپ باستۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بەزى مۇلاھىزىچىلەر، تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئامىلنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ بىرى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، يەنە بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىنىشى، دەپ كۆرسەتمەكتە. ئامېرىكا بروۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي خادىمى شۇ ۋېنلى ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس. ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق بولمىغان بىر خەلقنى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. يەنى مەجبۇرىي كۆچمەن يۆتكەش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يۇرتىدا ئاز سانلىق بولمىغان بىر ئاز سانلىق مىللەتنى ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش توغرا ئەمەس. بۇ مېنىڭچە ئەڭ نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يەنە بىر نېگىزلىك مەسىلە يەرلىك خەلقنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ۋە سايلام ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئالىي ئاپتونومىيىگە ئىگە قىلىش.»

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرىتارلىقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى. بىراق، شۇ ۋېنلى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى تۇتۇرۇقسىز ۋە ئەسەبىيلىك دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ «جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتى دائىم تۇراقسىز بولۇپ كەلدى. قىسمەن تۇراقسىزلىق ۋە تەۋرىنىشلەرنىڭ بولۇشى نورمال ھادىسە بولسىمۇ، بىراق تۇتۇرۇقسىزلىق بۇنچىلىك ئېغىر بولۇپ كەتسە بولمايدۇ. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالدىغاندا چېكىدىن  ئاشۇرۇۋېتىدۇ. باستۇرغاندا بولسا ئىنتايىن ياۋايى ۋە ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرىدۇ. بىر قانۇن دۆلىتى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولۇۋەرسە ئۇنىڭ سىياسىتى مۇقىم بولمايدۇ. بايا مەن ئېيتقاندەك، سىياسەتنىڭ نېگىزلىك ئىككى نۇقتىسىنىڭ بىرى ئالىي دەرىجىلىك ئاپتونومىيە، يەنى يەرلىك خەلق سايلام ئۆتكۈزۈپ، سايلام چىققان رەھبىرى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت