ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ باستۇرغان خىتاي، ئوتتۇرا شەرقتە تېررورچىلارغا ياردەم بېرىپ كەلمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.08.13
ئافغانىستان-خىتاي مۇناسىۋىتى: تېرورلۇق ۋە ھەمكارلىق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مۇللاھ ئابدۇل غېنى بارادار بىلەن. 2022-يىلى 24-مارت، كابۇل، ئافغانىستان.
AP

ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، كەڭ-كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليونلىغان ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە ئەركىنلىكىنى نابۇت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، تېررورچىلارنى ئاستىرتتىن قوللايدىغان ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ياكى «دۆلەتسىز» تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

يېقىندا «ئېرۇسالىم پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە ھۆكۈمەتسىز رادىكال ئىسلامچىلار بىلەن كۈچلۈك ئىتتىپاق قۇرۇپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە قول تىقىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھېچكىمنىڭ دوستى ئەمەس، خىتاي بۇنى چۈشىنىشى ۋە ئاگاھ بولۇشى كېرەك» ناملىق بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى يوقىتىش باھانىسىدە ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان؛ رادىكال دىنىي تەشكىلاتلار ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئاستىرتىن قوللايدىغان ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننى ياراشتۇرۇپ قويغان؛ ئىسرائىلىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغان خاماسنى قوللاپ كەلگەن ھەمدە پەلەستىندىكى 14 تەشكىلاتنى، جۈملىدىن بۇنىڭ ئىچىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بېيجىڭغا چاقىرىپ غەززەنى قوغداش كېلىشىمى ئىمزالاشقا ساھىبخانىلىق قىلغان؛ خىتاي يەنە يېقىندا باڭلادىشتا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشنىمۇ پاكىستان بىلەن بىرلىشىپ پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە خوجا ئاكىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئامېرىكاغا قارشى سىياسىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچەپ كەلگەن.

تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ئىسرائىلىيە ۋە غەرب دۇنياسىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەن. سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە پايدىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تارىختا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۇلار خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنىڭ قانچىلىك قەبىھ ۋە رەزىل بولىدىغانلىقىدىن خەۋىرى يوق» دېدى.

ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول (Mustafa Akyol) رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دىپلوماتىك رول ئويناشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ياراشتۇرۇپ قويغانلىقى، پەلەستىندىكى خاماس بىلەن فاتاخ ئارىسىدا مىللىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت. ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان خەلق خىتايدىكى بۇ قورقۇنچلۇق رېئاللىققا كۆز يۇمماسلىقى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن يەردە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا سېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق زۇلۇملىرىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈشى، ئۇنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك».

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، باڭلادىشتىكى نامايىشتا ئاغدۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى شەيخ ھاسىنا قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنىڭ زىيارەت ۋاقتىنى قىسقارتقان. بۇنىڭدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ھەقتە پاكىستان ئىستىخبارات ئورگىنىدىن ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

شەيخ ھاسىنا باڭلادىشنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇجىبۇ رەھماننىڭ قىزى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ھىندىستانغا مايىل دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلگەنىكەن. شەيخ ھاسىنا يېقىندا باڭلادىشتىكى ئىسلام تەشكىلاتى «جامائەت» بىلەن ئۇنىڭ تارمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنى سىياسىي زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەنىكەن. «جامائەت» بولسا پاكىستانغا يېقىن تەشكىلات بولۇپ، خاماس ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەنمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. بۇ قېتىم شەيخ ھاسىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا «جامائەت» نىڭ رولى چوڭ بولغان.

ماقالە ئاپتورىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ باڭلادىشتىكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە بىۋاسىتە قول تىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، خىتاينىڭ پاكىستان ئالاھىدە قوراللىق ئەترىتى، پاكىستان ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغان باڭلادىش ئارمىيەسى قوماندانىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى دەلىل قىلىشقا بولىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن خىتاينىڭ بۇ يەردە ئىككى يۈزلىمىچى، رەزىل سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ ئۇلارنى يوقىتىشقا كىرىشكەن بولسا؛ دۆلەت سىرتىدا رادىكال ئىسلامچىلارغا ۋە تېررورچى تەشكىلاتلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Yettesu

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى يىللاردا رادىكال ئىسلامچىلار بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن. مەسىلەن، ھىندىستان ئۆز ئارمىيەسىنى چېگراغا ئەۋەتىپ خىتاي بىلەن توقۇنۇشقان مەزگىلدە، خىتاي پاكىستان بىلەن بىرلىشىپ، پاكىستان قوللاۋاتقان كەشمىر تېررورچىلىرىنى ئىشقا سالغان؛ تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە ئۇلاردىن ئىسمى بار جىسمى يوق شەرقىي تۈركىستان قوراللىق كۈچلىرىنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان؛ خىتاي يەنە خاماسقا ياردەم قىلىپ، خاماسنىڭ 2023-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسرائىلىيەگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنى دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان. خىتاي غەرب دۇنياسى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خاماس بىلەن ئۇچراشقاندا ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن؛ شۇنداقتىمۇ خىتاي خاماسنى قوللاپ، ئۇنىڭ غەززەدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى قوغداشقا تىرىشىپ كەلگەن. يەنى خىتاي بىر ياقتىن ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن دوستلۇقىنى داۋام قىلىپ، بىر ياقتىن «دۆلەتسىز» تېررورچى تەشكىلاتلارنى قوللايدىغان دۆلەتكە ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە بارغانچە مۇھىم رول ئويناۋاتقان دۆلەتكە ئايلانغان.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىقادىنى كېسەللىك دەپ ھاقارەتلەپ، ئىسلامنى تېررورلۇق بىلەن باغلىغان تۇرۇقلۇق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاقىۋەتنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلىدىنلا تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بىر سىياسىي گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەت ئەلدىكى تېررورچى گۇرۇھلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي دەسلەپتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ھەم دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا ياخشىچاق بولۇشقا تىرىشقان بولسا؛ ئەمدىلىكتە رادىكال ئىسلامچىلار بىلەن كۈچلۈك ئىتتىپاق قۇرۇپ، دېموكراتىك تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، گېئو-سىياسىي ئىنقىلابلارنى تېزلەشتۈرمەكتە. خىتاي شۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەككى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھېچكىمنىڭ دوستى ئەمەس. ئورىنى كىم كولسا، ئۇنىڭغا ئۆزى چۈشىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.