ئاتالمىش «تېررورىزم» راستتىنلا خىتاينىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىت» مۇ ياكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى بىر باھانىمۇ؟
2024.02.14
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 2023-يىلى 9-ماي سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرغا ئىشارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 9-ماي، بېيجىڭ
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا تىلغا ئالغان «تېررورىزمنىڭ خىتايغا بولغان تەھدىتى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى باياناتى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «تېررورىزم» مەسىلىسى، ۋاڭ ۋېنبىن داۋراڭ سالغاندەك خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى يەنە بىر يېڭى باھانىسى ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 8 كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تېررورىزم ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن:
« ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ETIM) بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، ئۇ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا بىر قاتار زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغان. ‹ئىسلام دۆلىتى› ۋە ‹ئەل-قائىدە› قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايونلۇق تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى مەنپەئەتى، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.»
ھالبۇكى، جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، تېررورىزم ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان دوكتور شان روبېرت (Sean R. Roberts)، ۋاڭ ۋېنبىننىڭ بۇ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى:
«‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› دېيىلىدىغان بىر گۇرۇپپا بار ئىدى. بۇ بەك كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندا مەۋجۇت بولغان. بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەھبىرى 2002-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلات ئاساسەن يوقالغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى جىھاد گۇرۇپپىلىرىغا ئارىلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، قەستەن بۇ ئىسمىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.»
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا دەسلەپكى يىللاردا «يەرلىك مىللەتچى»، «مىللىي بۆلگۈنچى» دەپ زەربە بەرگەن بولسا؛ 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا «تېررورچى»، «دىنىي ئەسەبىي» قالپىقىنى كىيگۈزۈپ زەربە بېرىپ كەلمەكتە.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم «تېررور» ئۇقۇمىنىڭ خىتايدا ئۇتتۇرىغا چىقىشى ۋە قوللىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ‹ئىسلام دۆلىتى› ھەم ‹ئەل-قائىدە› قاتارلىق خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاپ، زەربە بېرىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى پەرقلىق دەۋردە پەرقلىق ئاتالغۇ پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. »
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› (ETIM)، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قاتار زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلىدى ۋە ئېلىپ باردى. بۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ‹تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلگەن؛ شۇنداقلا تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى› گە كىرگۈزۈلگەن. »
ئۇنداقتا، ۋاڭ ۋېنبىن داۋراڭ سالغاندەك، خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئاتالمىش بۇ ‹تېررورلۇق ھەرىكىتى› ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ ياكى بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باستۇرۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىۋاتقان يېڭى باھانىسىمۇ؟
دوكتور شان روبېرتس، ۋاڭ ۋېنبىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نى قەستەن ئارىلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«دېمەكچىمەنكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ھەققىدىكى باياناتى مۈجمەل ۋە كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ. مەن بىر ئاز بۇرۇن دېگەندەك، بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئېنىق ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ‹ئىسلام دۆلىتى› ياكى ‹ئەل-قائىدە› بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹ئىسلام دۆلىتى› بىلەن ‹ئەل-قائىدە› بىر-بىرىگە ئىنتايىن قارشى. ئۇلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغانمۇ ئەمەس ۋە ھەمكارلاشقان ئەمەس. ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. »
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ھەققىدىكى باياناتىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي تۇيغۇسى بار ۋە بىر ئاز دىندار بولغان نەچچە مىليون كىشىنى ‹تېررور گۇماندارى› دەپ قارىلاپ لاگېرلارغا ھەم تۈرمىلەرگە سولىدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ تونۇدى. خىتاي ھازىر ئاتالمىش ‹تېررورىزم› ئاتالغۇسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئاقلاۋاتىدۇ.»
ئالدىنقى ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىققانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدىكى كىشىلىك ئەركىنلىك، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا تايىنىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاينىڭ دوكلاتىنى ئالقىشلىغان. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولسا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ۋە قاتتىق تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئۇنداقتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ھەققىدىكى باياناتى، ب د ت نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدىكى تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىك شاجېۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ھەققىدىكى باياناتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى ۋە يىغىندا ئۇتتۇرىغا قويۇلغان تەنقىدىي پىكىرلەر بىلەن ئەلۋەتتە مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ باياناتنى يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پەرقلىق يوللار بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۇتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار لاگېرلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇچىغا چىققان خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاۋاتىدۇ. مەن خىتاينىڭ ‹ئۇيغۇر رايونىدا مەسىلە بار، شۇڭا بىز بۇ سىياسەتلەرنى يول قۇيدۇق› دېگەن ئاساسسىز چۈشەندۈرۈشلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلىمەن. بۇ يەردە راستتىنلا مەسىلە بارمۇ يوق بۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇ رايونىدا خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان مەسىلە ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ ياكى بۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر باھانىمۇ؟ بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بار. مەنچە، خىتاي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىپ، پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا مىليونلىغان ئىنسانلارنى كوللېكتىپ جازالاۋاتىدۇ.»
2020-يىلى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ «ھەقىقەتەن مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولمىغانلىقى» سەۋەبلىك، ئۇنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.









