2002-يىلى ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان 22 ئۇيغۇر مۇساپىر تېرورلۇق گۇمانى بىلەن گۇانتانامو تۈرمىسىگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورلۇق» بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. كېيىنچە ئامېرىكا ھەربىي سوتىنىڭ كۆپ قېتىملىق سوتلاشلىرىدىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن باشقا ھېچقانداق چەتئەل ھۆكۈمىتىگە قارشى ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنغىچە بولغان جەرياندا «ئەلقائىدە» (بازا) تەشكىلاتى ھەققىدە ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكى مەلۇم بولغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان گۇئانتانامودىكى مەھبۇس ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىر-بىرلەپ تاماملىنىپ 2013-يىلى ئاخىرقى ئۈچ ئۇيغۇر سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىگە يەرلەشتى.
ھالبۇكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى «تېرورلۇق» گۇمانىغا چېتىلىپ قېلىپ گۇئانتاناموغا قامالغاندىن بۇيان ئون يىلچە ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا مىقياسىدا ئەۋج ئالغان «تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش» شوئارىنى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىدە ئەڭ مۇھىم باھانە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» ناملىق ئەسىرىدىكى يېتەكچى تېمىلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. «پايتەخت خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 27-نويابىر سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى تەقرىز ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ ئەسىرىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ خىل خاتا چۈشەنچىنىڭ سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا تېرورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار «تېرورلۇق» نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىلىكى ئىكەن. يەنە كېلىپ شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھەققىدىكى توغرا بولمىغان چۈشەنچىلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ «تېرورلۇق بىلەن ئالاقىدار» ئىكەنلىكى چۆچەكلەرگە ئوخشاشلا كۆپتۈرىۋېتىلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان 22 ئۇيغۇرنى ھەممىلا دۆلەت «تېرورچىلار» دەپ گۇمان قىلغاندەك نۆۋەتتە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ۋە ھاكىممۇتلەق نازارەتننىڭ قۇربانىغا ئايلانغان 12 مىليون ئۇيغۇرمۇ خەلقئارانىڭ زور گۇمانىدا بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە, تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش ھەركىتى ماھىيەتتە ئاشۇ خىل مەنتىقىنىڭ بازار تېپىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن بىر ھادىسە بولۇپ قالدى. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇنلىغان قىلمىشلىرىنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن زېرىكمىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەركەتلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىشلار 21-ئەسىرگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بىردىنلا ‹تېرورلۇق› بولۇپ قېلىشقا يۈزلەندى. چۈنكى 2001-يىلىدىكى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى›دىن كېيىن تېرورلۇقنىڭ مەنىسىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا تەۋەسىدە تېرورلۇق چۈشەنچىسى رەزىللىك ۋە زامانىۋىلىقنىڭ دۈشمىنى، دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرىلىدىغان بولدى. بۇ جەرياندا گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى كىشىلەر ئەنە شۇنداق چۈشىنىلدى. ھالبۇكى خەلقئارادا ‹تېرورلۇق›نىڭ ئورتاق ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىر ئۆلچەملىك تەبىرى بولمىغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۆزىگە مەنپەئەتلىك يوسۇندا پايدىلىنىپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىشى بىلەن تا شۇنىڭغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇقى ھەققىدە سۆز قىلىپ باقمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېرورچى كۈچ سۈپىتىدە تەسۋىرلەشكە ئۆتتى. ئەمما بىز كۆرگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللارغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن ئىدى.»
دەرۋەقە, شان روبېرتسنىڭ ئەسىرى ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە ئامېرىكا باشلىغان دۇنيا مىقياسىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئۇستاتلىق بىلەن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان كۆپلىگەن سىرلارنى تەپسىلى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ بۇ قېتىمقى تەقرىز ماقالىسىدىمۇ مۇشۇ نۇقتا ئالاھىدە يورۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىللاردىن كېيىن تەدرىجى ھالدا باستۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشى، ئەسلىدىنلا زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇم دائىرىسىنىڭ ۋە دەرىجىسىنىڭ يىلسېرى ئېغىرلاپ ماڭغانلىقى، بۇنىڭ 2009-يىلىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان «تېرورچى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرىشى» ھەققىدىكى بايانلارغا ئەگىشىپ «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى خەلق ھەركىتى» نىڭ باشلىنىشى، بۇ بىر قاتار ھەركەتلەر كۆزلەنگەن نىشانىغا يېتىپ بولغاندىن كېيىن 2016-يىلىدىن باشلاپ زور تۇتقۇن ۋە «قايتا تەربىيەلەش» مەركىزى نامىدىكى لاگىر سىستېمىسىنىڭ باشلىنىشى ئەسلىدىنلا بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولغان ھەركەتلەر بولۇپ، نۆۋەتتە نەزەر سالغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ كىچىكلىكتىن چوڭلۇققا، چەكلىك دائىرىدىن غايەت زور دائىرىگە كېڭىيىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور شان روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئىسلام دىنىغا قارشى بىر قاتار ھەركەتلىرى ئەمىلىيەتتە 2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى›گە يول ئاچتى. بۇ ۋەقەنى مەن خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشتەك تىنچ نامايىشى زورلۇق ھەركىتىگە ئايلىنىپ كېتىپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇ ۋەقە گەرچە خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش ۋەقەلىرىدىن بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق تېرورلۇق ئامىلى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىخىيىلىك نامايىشىدىن باشلانغان بىر قېتىملىق تەڭسىزلىككە قارشى چۇقان سېلىش بولغان. ئەمما ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئاشقۇنلۇققا ئىگە كىشىلەرنىڭ بۇنى تەشكىللىگەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم زورلۇق ھەركەتلىرىنىمۇ تېرورلۇق ھەركىتى، دەپ خۇلاسىلىدى. ئەمما مەن ئۇلارنى تېرورلۇق، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى بۇ ھەركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى پۇقرالار بىلەن ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ ساقچى قوشۇنى ئوتتۇرىسىدا بارلىققا كەلگەن توقۇنۇشتۇر. كېيىنچە بىز ئاڭلىغان كۇنمىڭ، بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى تېرورلۇق خاراكتېرىغا ئىگە ھەركەتلەرنى تاشقى دۇنيادىكى ئاشقۇن تېرورچىلارنىڭ قوزغىغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى بىز كۆرمىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئەنە شۇ تەرىقىدە تېرورلۇق نەزىرىيىسىنى بازارغا سالدى. 2014-يىلىدىن كېيىن بولسا تېرورلۇققا قارشى خەلق ھەركىتى ئومۇمىيۈزلۈك باشلىنىپ كەتتى. 2017-يىلى بولسا بىر قاتار يېڭى سىياسەتلەر ئىجرا بولۇپ، ماھىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.»
تەقرىز ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جەرياندا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نامىدىكى بىر تېرورلۇق تەشكىلاتنىڭ خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ياكى باشقا جايلاردا بىرەر تېرورلۇق ھەركىتىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمىگەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپلىگەن سىتىخىيىلىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرىنى ئاشۇلارغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى جەريانىدا ياش ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېرمۇ پروفېسسور شان روبېرتس تەكىتلىگەن ئۇزۇن مەزگىللىك ۋە قەدەم-باسقۇچلۇق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېرورچى، بۆلگۈنچى ۋە ئاشقۇن. ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى نىيەت ئاشۇنداق» دېگەن تەسەۋۋۇرىدا ئەكس ئەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىئولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق كىشىلەرنى يوقىتىش ئوبېكتى قىلغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى ئىجرا قىلغان. بۇ جەرياندا بىر ئەۋلات ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتكارلىرى ۋە سودا-سانائەت سەركىلىرى كۆزدىن غايىپ بولغان.
تەقرىز ماقالىسى ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپ «بۆلگۈنچىلىك تەھدىتى»، كېيىنچە «تېرورلۇق تەھدىتى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدىن مىساللار ئېلىش ئارقىلىق «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلق بولغان ئىندىيانلارنى قىرغىن قىلغان» دېگەن بايانلارنى كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك پروفېسسور شان روبېرتسنىڭ ئەسىرىدىن بايانلار بېرىش ئارقىلىق بۇ خۇلاسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ ھەمدە بىر دۆلەت تارىختا سادىر قىلغان خاتالىقلار ئارقىلىق ھازىرقى زاماندىكى بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان قىرغىنچىلىقنى ئاقلىشىنى «ئەقىلگە سىغماس مەنتىقە» دەيدۇ.