ئامېرىكا خەۋەرلەر تورى س ن ن نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېسلا شىركىتىنىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك خىتاينى زىيارەت قىلغىلى بارغان. ئېلون ماسىكنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، تىجارىتىنى كېڭەيتىش پىلانى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغانىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا خىتايغا بىر قاتار جازا ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ئامېرىكادىكى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىركەتلەر بىلەن بولغان سۇدا ئالاقىسىگىمۇ چەكلىمە قويۇلغانىدى.
تېسلا شىركىتى، خىتاي غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىل كۆرگەزمە زالى ئاچقان. تېسلا شىركىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانىدى.
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېلون ماسك ۋە تېسلا قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا تايىنىپ قالغانلىقنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتى كۈندىن-كۈنگە كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تېسلا ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاش مۇھىم. خىتاي تېسلا ئۈچۈن مۇھىم بازار. ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، چۈنكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتاينىڭ غەرب بازىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن ئوچۇق-ئاشكارا پايدىلىنىۋاتىدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىش ئۈچۈن ناھايىتى بەك ھەددىدىن ئېشىپ كېتىپ بارىدۇ.
ئېلون ماسك ۋە تېسلا قاتارلىق شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سودا ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ، ۋولكىس ۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىجارىتىگە ئوخشايدۇ. ئېلون ماسكنىڭ شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەر غەربنىڭ سىياسىي بېسىمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە كېڭەيتىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتاينى رەنجىتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇلار خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىدۇ. غەربنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە تەدبىرلىرى جەھەتتە بۇ شىركەتلەر قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە، تىجارەتتىن پايدا ئېلىش ئۇلار ئۈچۈن بىردىنبىر مەقسەت. ئۇلار كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئىككى دۇنيا (غەرب ۋە خىتاي) ئارىسىدا ماڭىدۇ، ئەمما بۇ ئۇلار ئۈچۈن كۈنسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ» .
ئەنگلىيەدىكى ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە چوڭقۇر چېتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتى بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىيال، زاپچاس ۋە باشقا ئاپتوموبىل سايمانلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تايانماقتا ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېسلا، ئاممىباب ماشىنىسازلىق شىركىتى، مېرسىدېس، فورد قاتارلىق 8 چوڭ خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىيال ياكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. زاپچاسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادا سېتىشىغا بولمايدىكەن. تېسلانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇنىڭ لىتىي ئىئونلۇق باتارېيەسىنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىن كېلىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سابىق مۇتەخەسسىسى، دوكتور جېرى لىچ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېلون ماسكنىڭ پەقەت ئۇزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئويلىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئېلون ماسكنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان شەكىلدە دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى ئىچىدە پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەركىن كارخانا باشقۇرۇشۇم كېرەك دەپ ئويلايدۇ. ئۇ كۆپ تەرەپتىن ئەركىن. پۈتۈنلەي ئەركىن كارخانىنى باشقۇرىمەن دەپ قارايدۇ ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ باتارېيە زاۋۇتىنى خىتايدا قۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ۋە قۇرغاندا ئالدى بىلەن ئۇزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئويلىمايدۇ» .
ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئېلون ماسكىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن يېقىنقى ئۇچرىشىشىنى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئېلون ماسكنىڭ بارلىق تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە پىسەنت قىلماي پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا خىتاي بىلەن شېرىك بولۇپ تىجارىتىنى بارغانسېرى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئېلېكتر ۋە ئېلېكترون ئىنژېنېرلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئەزاسى، «كۈچ ۋە ئېنېرگىيە» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان تەھرىرى چارلىس سىمىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئېلون ماسكنى ئۇزىدىن باشقا ھېچكىمگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئانچە پرىنسىپى بولمىغان كاپىتالىست، ناھايىتى زېرەك سودىگەر ۋە ئىنتايىن شەخسىيەتچى ۋە ئۆزىنىلا مەركەز قىلغان شەخس دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ئېلون ماسك ئۆزىدىن باشقا ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مېنىڭچە ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن مەركەز قىلغان شەخس. ئۇ ئامېرىكاغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خىتاي ۋە ئۇيغۇرغىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۇل تېپىش، ئۇ ئامال بار پۇل تاپىدۇ. دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك سۈپىتىدە ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىش ئەخلاقسىزلىق پائالىيىتى دەپ قارىغان بولسا، مېنىڭچە ئېلون ماسىك ئۈچۈن بۇ مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر مۇھىم بولغىنى پۇل تېپىش. ئۇ ھەر تەرەپتىن كاپىتالىست. ئەپسۇس، ئۇ ئانچە پرىنسىپى بولمىغان كاپىتالىست، ناھايىتى زېرەك سودىگەر ۋە ئىنتايىن شەخسىيەتچى ۋە ئۆزىنىلا مەركەز قىلغان» .
ئىلگىرى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارك ۋارنېر تېسلا شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئېلون ماسكنىڭ خىتايغا تايىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
0:00 / 0:00