شىۋېيتسارىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ناتالىيا بەنېللىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2025.01.10
يېقىندا شىۋېيتسارىيەنىڭ لۇزان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچى ناتالىيا بەنېللى خىتاينىڭ غەربكە قارىتىلغان گېزىت ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئېلان قىلغان «خىتاي مودېلى»، «رېئاللىق غەربنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى رەت قىلدى» قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشى، شىۋېيتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان يەرلىك سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھەم تەتقىقاتچىلارنى قاتتىق نارازى قىلغانىدى.
ئۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى غەلىبە ۋە زور نەتىجە دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، «رېئاللىق غەربنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى رەت قىلدى» ناملىق ماقالىسىدە: «قانداقلا بولمىسۇن، غەربنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇلىرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پاختا ئېتىزلىرى ۋە زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇردى دەپ تۆھمەت قىلىپ، پەسكەشلىك بىلەن ئەيىبلىدى. ئەمما، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە مەن كۆرگەن رېئاللىق بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى» دەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» سىياسىتى قىلىپ پەردازلاپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغانىدى.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان، شىۋېيتسارىيەلىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، «خىتاي قارا تاشلىق كىتابى» نىڭ ئاپتورى چارلېس ساراسېن ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: «ئاساسىي ئېقىمدىكى ئاخبارات (رادىيو، تېلېۋىزىيە، كۈندىلىك گېزىت، ژۇرنال) دىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىش مۇھىم، چۈنكى بۇ قاناللاردىكى مەزمۇنلار جامائەت پىكرىگە ۋە ئاخىرىدا سىياسىي قارارلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ تەۋسىيە ھېسابلاش ئۇسۇلىدا پىكىر كۆپۈكلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى مۇۋاپىق ۋاسىتە بىلەن ھەل قىلىش كېرەك، مەسىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە رەددىيە قايتۇرۇپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش دېگەندەك. ئۇيغۇرلار كۆپىنچە دۆلەتلەردە ئاز سانلىق بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى سىياسىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ قوللىشىغا موھتاج، مەسىلەن سىياسىي پارتىيەلەر ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار».
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ناتالىيا بەنېللى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن 2024-يىلى دېكابىردىن باشلاپ نەچچە قېتىم يازغان ئېلخېتىمىزگە قارىتا27-دېكابىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاپتوماتىك جاۋاب كەلگەنىدى. لېكىن يېڭى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن قايتا-قايتا يازغان ئېلخەتلىرىمىز جاۋابسىز قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن
شىۋېيتسارىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئېلىش مەقسىتىدە، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخاننى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئالداپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، غەربتىكى بىر قىسىم پۇللۇق قەلەمكەشلەر ياكى تەتقىقاتچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇ ھەقتە چارلېس ساراسېن ئەپەندى يەنە مۇنداق دەيدۇ.
«ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى شىركەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشلىتىشىگە يول قويغان بىر ھادىسە بار. كىشىلەرنىڭ مۇددىئاسى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر شەخسىي ياكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا ۋاسىتىلىك ياكى ۋاسىتىسىز ياردەم قىلىدۇ. بۇ شىۋېيتسارىيەلىك جەمئىيەتشۇناس ناتالى بېنېللىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان سەپىرى ھەققىدە، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئاساس قىلغان غەربنىڭ ئىجتىمائىي ئەندىزىسىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى گۇمانلىق خاتىرىلىرىگە قارىماي، بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ماقالە يازغان».
ناتالىيا بەنېللى ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشى» نىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى ئەبەدىي نامرات قالدۇرۇش، تەدرىجىي ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قاتناش ۋە ئېگىز بىنالارنى تەرەققىيات ۋە يەرلىكلەرنىڭ بېيىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىپادىسى دەپ يازغان. ئۇ، «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكى قوغدىلىدۇ، دىنىي ئىبادەت ۋە پائالىيەتلەر ئەركىن، مەن قەشقەردە ھېيتگاھنى زىيارەت قىلدىم» دەپ يازغان بولۇپ، بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى رەئىسى، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇربان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادا بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم سىنولوگلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى بازارلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى دىن، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ۋە رايوننىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربتە ناتالىيا بەنېللىگە ئوخشاش بىر قىسىم خىتاي سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدىغان قەلەمكەشلەر، سىنولوگلار ۋە يۇتۇبېرلار ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.