تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

22-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا تەيۋەن پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىلىپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. مۇراسىمغا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لىن جىجىيا، پارلامېنت لىن چاڭزۇ قاتارلىق ئەزالىرى ۋە تەيۋەندە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كې چاۋدوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار قاتناشقان.

مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەبرىك نۇتۇقلىرى سىن ئېكرانى ئارقىلىق تەقدىم قىلىنغان. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى كې چاۋدوڭ ئەپەندى مەزكۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەندىن كېيىن تەيۋەن پارلامېنتىدىمۇ بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللىتىش، بۇلاردىن سىرت ماگنىتىسكىي قانۇننى پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم بىلەن چېتىشلىقى بار خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت».

Teywen-Uyghur-Dosluq-Guruppisi-202104-Freddy-Lim.jpeg
22-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا تەيۋەن پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىلىپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇنداق بىر گۇرۇپپىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. مۇراسىمدا بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان 30 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىسىملىرى ئاتاپ ئۆتۈلگەن ۋە نەق مەيداندا بار بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەزالىق كىنىشكىسى بېرىلگەن. قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەبرىك نۇتۇقلىرى سىن ئېكرانى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. تەيۋەن پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەيۋەنلىك تونۇلغان ناخشىچى ۋە پارلامېنت ئەزاسى لىن چاڭزۇ ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان. ئىلھام مەخمۇت لىن چاڭزۇ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بۇنى قۇرۇپ چىقىشتىكى تىرىشچانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ بۇرۇنلا قۇرۇلۇپ بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى كېچىكىپ كەتكەنلىكىنى، قۇرۇلغانلىقىنى ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەيۋەن پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى بۇندىن 9 يىل بۇرۇن ياپونىيە پارلامېنتىدىكى دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئوخشاش كۈنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئىلھام مەخمۇت بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن زور پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەيۋەن پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان لىن چاڭزۇ ئەپەندى ئەسلىدە تىبەت مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان ناخشىچى بولۇپ، 2008-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ جەريان توغرىسىدا توختالدى.

ھازىرغىچە ياپونىيە، شىۋېتسىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.