20-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھىرىدە چاقىرىلغان «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» گە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئۆركەش دۆلەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې، سابىق پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، دىپلوماتلار ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مەلۇمات بەرگەن.
شۇنداقلا ئۇلار گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان يىغىنلاردا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىغىنغا تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې، سابىق پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. بۇ «خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» نىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم ئېچىلغان يىغىنى بولۇپ، لاتىن ئامېرىكاسى ۋە شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ياپونىيە، كورېيە ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇنبەردە ۋە گۇرۇپپا شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرە يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز ئېلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىمىزنى، بۈگۈن خىتاينىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر ئۈچۈنلا تەھدىت بولۇپ قالماستىن بەلكى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا قانداق تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەت ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقانلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.»

بۇ يىلقى خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە خىتاينىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان خەۋپىگە مەركەزلەشكەندىن سىرت، تور بىخەتەرلىكى، خەلقئارالىق ھەمكارلىقلار ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مۇنبەردە يەنە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ۋە تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان. دولقۇن ئەيسا مۇزاكىرە يىغىنىدا خىتاينىڭ لاگېر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتايغا قارشى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا خىتاي خەۋپىنى توسقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختالدى.
«خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرى» كانادادا ھەر يىلى بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى يىغىندا تەيۋەن ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقىسى تۇنجى قېتىم ئاسىيا دۆلەتلىرىدە چاقىرىلىشى ئىكەن. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا كۆپ ساندا دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، يېڭى دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىلانلار تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ مۇنبەرگە 6 يىلدىن بۇيان قاتنىشىپ كەلمەكتە.