«تيەنئەنمېن ۋەقەسى» گە ئائىت تەيۋەندە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندى ئامېرىكالىق خىتايشۇناس پېرري لىنك ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 18-ماي، تەيۋەن.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندى ئامېرىكالىق خىتايشۇناس پېرري لىنك ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 18-ماي، تەيۋەن.
RFA/Uchqun

5-ئاينىڭ 18-كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە «4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان.

بۇ يىغىنغا تەيۋەن، خوڭكوڭدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرىدىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خىتايشۇناسلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئىلشات ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننى ‹4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى› نىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ‹خىتاي دېموكراتىيە كىتابخانىسى» ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەچىلەر تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. يىغىنغا ‹4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى› نىڭ باشچىلىرىدىن ۋاڭ دەن، ئۆركەش ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خىتايشۇناسلار قاتناشتى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدە لارى دەيمۇن ئەپەندىمنىڭ ‹خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى دۇنيا دېموكراتىيەسىگە بولغان تەھدىتى› ناملىق ماقالىسى پۈتۈن يىغىن مەيدانىنى چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈردى. لارى دەيمۇن ئەپەندىم ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاينىڭ قانچىلىك ۋەھشىيلەشكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى».

ئىلشات ئەپەندى مەزكۇر يىغىنغا «4-ماي ۋە 4-ئىيۇن ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى» تېمىسىدا ماقالە تەييارلىغان بولسىمۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچى بەزى خىتاي تەرەپدارلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئىلشات ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «4-ماي ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى بولمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار شەرقتىن ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەردىن، تۈرك دۇنياسىدىن، ئىسلام دۇنياسىدىن شۇنداقلا جەدىدتىزىمدىن نۇرغۇنلىغان يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ‹4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى› نىڭ ئۇيغۇرلارغا قىسمەن تەسىرى بولغانلىقىنى، يەنى‹4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى› نىڭ باشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەشنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەرىكەتنى يېقىندىن كۆزەتكەنلىكىنى، ئەمما 4-ئىيۇن ھەرىكىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ، شەرقتىن يېڭىلىق ياكى ئۆزگىرىشنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىنى سۆزلىمەكچى بولغان ئىدىم. ئەپسۇس بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېنىڭ ماقالەمنى ئوقۇشۇمغا رۇخسەت بېرىلمىدى. مەن نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۇلار خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى».

ئىلشات ئەپەندى ماقالىسىنى ئوقۇيالمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەزكۇر يىغىندا توختاپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ماقالەمنى ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن بوشىشىپ كەتمىدىم، ئەكسىچە يىغىندىكى ھەربىر مۇزاكىرىدىن كېيىنلا قولۇمنى كۆتۈرۈپ سوئال سوراپ، سۆزلىگۈچىنىڭ بەرگەن مەلۇماتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باغلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنىلا يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى دائىرىسىدە تۇتۇشقا تىرىشتىم. ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ يىغىندا مېنىڭ سۆز قىلماسلىقىم بىلەن توختاپ قالغىنى يوق».

بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇنداق شارائىت ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار چاقىرغان بۇ خىلدىكى يىغىنغا قاتنىشىشىغا قانداق قاراش كېرەك؟ بىز سوئالىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ بۇ خىلدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىشنىڭ مەقسەت ئەمەس، بەلكى ۋاسىتە بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يىغىنغا قاتناشسا بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىش بىر سىياسىي مەقسەت ئەمەس، ئەكسىچە بىر سىياسىي تاكتىكا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى نىشان قىلىنغان ئاساستا بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىش دەۋايىمىزدىكى بىر ۋاسىتە بولۇشى كېرەك».

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئارسلان ئەپەندى كۆز-قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە خىتايدىكى دېموكراتىيەنى خالايدىغان خەلقلەر شۇنداقلا خرىستىئان مۇرىتلىرىغىمۇ ناھايىتى قاتتىق سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق يىغىنلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك».

ئۇ يەنە بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىشتىكى تۈپ مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق يىغىنلاردا مېنىڭچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى چوقۇم ئەڭ ئالىي ۋە تۈپ نىشانىمىز بولۇشى كېرەك».

«4-ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» 18-ماي كۈنى تەيبېيدا باشلىنىپ 20-ماي كۈنى ئاخىرلاشقان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت