«تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 35 يىلىدا: «خىتاي دۇنيا ئۈچۈن ئاپەت بولماقتا!»

0:00 / 0:00

1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى كەچقۇرۇن يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا چىققان مىڭلىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۈرىكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان تيەنئەنمېن مەيدانىدا تانكا ۋە بروۋنىۋىك بىلەن قوراللانغان ھەربىي قىسىملار ئارقىلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدىكى زور ۋەقەلەردىن ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دۇنيا جامائىتى خىتاي ھەققىدىكى ئارامبەخش تەسۋىرلەرگە مەستخۇش بولۇپ، خىتاينىڭ «يېڭى دۇنيا يارىتىش شىجائىتى» گە ئاپىرىن ئوقۇپ يۈرگەندە، بۇ قىرغىنچىلىق ۋەقەسى خىتاينىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى ئاشكارا قىلىپ بەرگەنىدى. چۈنكى «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش»، «پارىخورلۇققا ھەقىقىي مەنىدە چەك قويۇش»، «دېموكراتىك ئىسلاھاتنى باشلاش» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلاپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا توپلانغان مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى قىلچىلىكمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماستىن يىللاردىن بۇيان «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارقىلىق ياشلارنى قىرىپ تاشلىغانىدى.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizad)

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا 3-ئىيۇن كۈنى كەچقۇرۇن چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە دەل مۇشۇ ئەھۋاللار يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى. مەيداندىكى «ئەركىنلىك ئىلاھى» نىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېلى ئەتراپىغا تىزىلغان شاملار ئەينى ۋاقىتتىكى ماتەمنىلا ئەمەس، يەنە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان قاباھەتلەرنىمۇ ئەسلىتەتتى. پائالىيەتتە نۇقتىلىق قىلىپ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان نازارەت ۋە كونتروللۇقنىڭ ئالاھىدە كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئەكس ئەتكەنلىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق پىكرى سۈپىتىدە بايان قىلىندى.

ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا بىردەك «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ رەزىل سىستېما» دەپ قاراپ كېلىۋاتقان كوممۇنىزم دۇنياسىدا 1989-يىلىدىن باشلاپ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى كوممۇنىزم لاگېرى يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەنە شۇ خىل دۇنياۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىدە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتايدىمۇ ئاشۇنداق بىر يېڭىچە ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا نامايىش تەشكىللىگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى قانلىق باستۇرۇلغان، شۇنىڭدەك خىتايدىكى سىياسىي مۇھىت تېخىمۇ زور قاباھەتكە زېمىن ھازىرلىغان. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ رەئىسى ئېرىك پەتتېرسون (Eric Patterson) مۇشۇ ئەھۋاللارنى تىلغا ئېلىپ «بىز شۇ كۈنى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئەمما ئېنىق بىلگىنىمىز خىتاينىڭ ئەسلى تەبىئىتىنىڭ قانداقلىقى بولدى» دېدى.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizad)

ئەنە شۇ ۋەقەلەرگە 35 يىل بولغان بولسىمۇ بۇ ئۇزۇن مۇساپىگە نەزەر سالغاندا كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىكى ئىپادىسى قانداقتۇر بىر قېتىملىق ھاياجان ياكى سىياسىي قارار ئېلىشتىكى خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتى ئەمەسلىكى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەھشىيانە تەبىئىتىنىڭ بۇ جەرياندا بارغانسېرى كۆپلىگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىپ كەلگەنلىكى بولغان. بولۇپمۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆپلەپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى تەبىئىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاپ، ئۆزلىرى دۇنيا ئالدىدا ۋەدە بەرگەن «خوڭكوڭدىكى ئاپتونومىيە» نى يەر بىلەن يەكسان قىلغان؛ شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا 21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىپ، مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغان. ئەما خىتاي ئۆكتىچى چېن گۇاڭچېڭ مۇشۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ئورتاق دۈشمىنى. بۇ دۈشمەننى يوقىتىش ھازىر ئامېرىكا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق نىشان بولۇشى لازىم» دېدى.

بۇ خىلدىكى پىكىرلەر خوڭكوڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى، تىبەت پائالىيەتچىلەر ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ بايانلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon Chang) نىڭ پىكرىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى 35 يىل ئىلگىرى شۇنچە قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغاندا دۇنيا بۇنىڭ سورىقىنى قىلمىغان. شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت داۋام قىلغان. ئەمما ئىبلىس كەبى رەزىل خاراكتېرگە ئىگە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ھېچقانداق بىر شەيئىنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى دىققەتتىن ساقىت قىلىنغان.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە ئەما خىتاي ئۆكتىچى چېن گۇاڭچېڭ سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش» پائالىيىتىدە ئەما خىتاي ئۆكتىچى چېن گۇاڭچېڭ سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizad)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنە شۇ تەرىقىدە ئېشىپ بېرىۋاتقان قەبىھلىكى ئەينى ۋاقىتتا كەسكىن جازاغا ياكى توسقۇنلۇققا دۇچ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىپ بارغان. شۇنىڭدەك غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتە داۋاملىق ھالدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى ماھىيەتتە خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن نامدا دۇنياغا مەلۇم بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توسقۇنسىز داۋام قىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ كېلىپ، «خىتاينىڭ قۇرۇق ۋەدىسىدىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. دۇنيا ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم» دېدى.

ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قىلچىلىكمۇ ئىچ ئاغرىتماستىن ئۇلارنى قىرىپ تاشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان باشقا خەلقلەرگە ئىچ ئاغرىتىشىنى كۈتۈش پۈتۈنلەي ئورۇنسىز بىر ئارزۇ، خالاس.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا گوردون چاڭمۇ مۇشۇ خىلدىكى قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نى ئۇنتۇپ قالمىغاندەك تاشقى دۇنيادىكىلەرمۇ بۇ تارىخىي ۋەقەنى ئۇنتۇماسلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى شۇكى، تاشقى دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارشى قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئۇلاردىن ھېساب ئالماسلىقنى تاللىۋالدى. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ خىل رەزىل خاراكتېرىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. ھازىر بۇلار يالغۇز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەسىلىلا ئەمەس، ئەكسىچە بۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان شەكىلدە بىزگە قاراپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 35 يىل بۇرۇنقى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ رەزىل تەبىئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلغان بولسىمۇ غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ساۋاق ئالمىغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پېرو توزى (Piero Tozzi) بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىكى ئۈمىدلىك مەنزىرىلەرنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن ئۆزلىرىنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى تاماملاش لازىم. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ بۇ ھەقتىكى بەزى ئىنچىكە ھالقىلارنى ئالاھىدە ساناپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز نېمە ئۈچۈن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئالمايمىز؟ شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا نېمە دەپ كۆز يۇمۇۋالىمىز؟ بۇنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدىغۇ؟ دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ھازىر بەزى قانۇنلارنى ماقۇللاۋاتىمىز. ھازىرچە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بار. ئەمما بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە يەنە باشقا قانۇنلارنى ماقۇللاش خىزمىتىگىمۇ كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم. دەرۋەقە بۇ ئاسان ئەمەس. ئەمما بىز قىلالايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، بىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنى مۇشۇنداق بىر زالىمغا يانتاياق بولماسلىققا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ شىركەتلەر ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىز تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشىمىز، مەۋجۇت قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داغلىرىنى تازىلاشقا دەۋەت قىلىشىمىز ھازىر تېخىمۇ زۆرۈر.»

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىق خاتىرىسى 4-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تېخىمۇ زور كۆلەمدە خاتىرىلەندى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا شاھىتلار ئەينى ۋاقىتتىكى قىرغىنچىلىق توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇردى. يىغىندىن كېيىن «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى جون مولىنار (John Moolenaar)، ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورسىي (Raja Krishnamoorthi)، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسلىرىدىن كېۋىن ماكارتىي (Kevin McCarthy)، نەنسى پېلوسى (Nancy Pelosi)، شۇنىڭدەك ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ئاندىي بار (Andy Barr)، كارلوس گىمىنېز (Carlos Gimenez) قاتارلىقلار، شۇنداقلا ۋاڭ دەن، جېڭ شۈگۇاڭ قاتارلىق خىتاي پائالىيەتچىلەر سۆز قىلدى. بولۇپمۇ جون ۋە راجا ئەپەندىلەرنىڭ «بىز بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسىگە شۇنداق بىر ئۇچۇرنى يوللىماقتىمىزكى، بىز ھەرقاچان سىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىڭلارغا ئۇچرىغانلار بىلەن بىر سەپتە، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بىلەن بىر سەپتە! ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلمايدۇ! بۇ ئاددىيلا بىر خاتىرە كۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان كۈن» دېگەن سۆزلىرى قىزغىن ئالقىشلاندى.