1989-يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىن دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرۇپ، دۇنيانى چۆچۈتكەنىدى. 1989-يىل 4-ئايدا باشلىنىپ، ئىككى ئايدەك داۋاملاشقان بۇ ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۆركەش دۆلەت بۇ نامايىشنىڭ ئەڭ غوللۇق يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئەمەلىيەتتە 80-يىللاردا خىتايدىن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1985-يىل ۋە 1988-يىل چوڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا باراۋەرلىك، ئىنسانىي ئەركىنلىك ۋە ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغانىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈمەتنى ئىسلاھ قىلىش، بىڭتۈەننى يوق قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يېرىدىكى ھەق-ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىككە ھەممىدىن تەشنا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغانلىقىنى، تيەنئەنمېندىكى نامايىش بىلەن ئۆركەش دۆلەتنىڭ نامىنىڭ بىر-بىرىگە مەھكەم باغلانغانلىقىنى تارىخ ئۇنتۇمايدۇ.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋە ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىدە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولىنېر (John Moolenaar)، كومىتېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamorthi)، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە باياناتچىسى كەۋىن مەككارتى (Kevin McCarthy)، نەنسى پېلوسى (Nancy Pelosi) قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە، تيەنئەنمېندىكى نامايىش قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي مىراسنى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلارنىڭ روھىنى قەدىرلەش، شۇنداقلا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دۈشمىنى بولغان رەزىل كۈچلەرنىڭ بالايىئاپىتىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇش، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولىنېر مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى خىتاي خەلقىدۇر. مىڭلىغان، مىليونلىغان ئىنسانلار بۇ زىيانكەشلىكتىن ئۆلدى. بۈگۈن بۇ مەيداندىكى جەسۇر كىشىلەر خىتايغا سۈكۈت قىلماسلىقنى، خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يولدا ماڭماسلىقنى تاللىدى».
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى مۇنداق دېدى: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش ‹دۆلەتنى ئاغدۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىك قىلىش› ھەرىكىتىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئۇنىڭ ئەركىنلىكنى قوغدىغۇچى ھەر قانداق شەخسنى تانكا بىلەن يەنە باستۇرىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىشىدۇر». ئۇ يەنە سۆزىدە، تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشقا بولمىغاندەك، خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە، شۇنداقلا تىبەتلەر ئۇچراۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا خىتاي پۇقرالىرى ئۇچراۋاتقان سىياسىي زىيانكەشلىكلەرگە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە باياناتچىسى كەۋىن مەككارتى مۇنداق دېدى: «بىز مۇنداق بىر پاكىتنى يوشۇرمايمىز: بىز ئاشۇ تانكىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئادەم بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز، خىتاي تاكى ئۆز پۇقرالىرىنى تانكا بىلەن باستۇرۇشنى توختاتمىغۇچە، بىزمۇ ھەر جايدا ئۇ كىشىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
ئارقىدىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە باياناتچىسى نەنسى پېلوسى خانىم سۆزگە چىقىپ، «ئامېرىكالىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن گەپ قىلىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز سودىنى دەپ خىتايغا يول قويساق، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ئورنىمىز قالمايدۇ» دېدى. نەنسى پېلوسى خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بولسۇن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بولسۇن ياكى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ باستۇرۇلۇشى بولسۇن، ئامېرىكادىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردە غايەت زور سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە 4-ئىيۇن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» غا شاھىت بولغان پېشقەدەملەردىن ۋېي جيەنشىڭ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەن قاتارلىق خىتاي پائالىيەتچىلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچرىغۇچىلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.
ۋاڭ دەن بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە: «كىشىلىك ھوقۇق يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقىدۇر. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمگە ئوخشاش، خىتاي پۇقرالىرىمۇ بۇ ھوقۇققا ئېرىشىشكە ھەقلىق» دېدى.
رادىيومىز ئىنگلىزچە بۆلۈمى 4-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان «ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ» ناملىق خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1989-يىل «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى بۇ قانلىق باستۇرۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن؛ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن نەنسى پېلوسى خانىم، بېن جونېس (Ben Jones)، جون مىللېر (John Miller) قاتارلىقلار شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، «خىتاي دېموكراتىيەسى ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا تەقدىم» دېگەن لەۋھەنى ئېچىپ، دېموكراتىيە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈكسەك ئېھتىرامىنى بىلدۈرگەن.