تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2016.06.05
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا
3 - ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدە ياۋروپادىكى خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ 3 - ئىيۇن فرانكفۇرت شەھىرىدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ياۋروپادا پائالىيەت ئېلى بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر 10 دىن ئارتۇق تەشكىلاتلىرى 70 تىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتۇرغان.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا قاتنىشىپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا دوكلات تەقدىم قىلغان «خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيەسى» نىڭ باش كاتىپى پەن ئەپەندى، نەق مەيداندىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر يىغىننىڭ ياۋروپادىكى خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم بىر يىغىن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىمقى تۆت تەرەپ بىرلەشمە يىغىنىنىڭ مەقسىتى، يالغۇز تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىرى مۇستەھكەم بىر ئىتتىپاق قۇرۇپ، خىتايدا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قاتمۇ قات ئېغىر زۇلۇملىرى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش.»
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۆۋەت بويىچە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تيەنئەنمېن ۋەقەسى بۇندىن 27 يىل ئىلگىرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.









