تىبەتلىكلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ مۇھىم تېما بولغان

0:00 / 0:00

23-فېۋرالدىن 25-فېۋرالغىچە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن. 47 دۆلەتتىن 170 تىن ئارتۇق كىشى كېلىپ قاتناشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ يىغىندا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، تىبەتنى قوللىغۇچى كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە كېلەچەكتىكى ھەمكارلىقلار توغرۇلۇق سۆزلىشىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.

«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە. (RFA/Ekrem)

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا «خەلقئارادىكى دىپلوماتىك كۈرەشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، ئەۋزەللىكلەر ۋە پۇرسەتلەر» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ يەنە يىغىن جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرىلەردە يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن پاش قىلىپ ئۆتكەن.

مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخى يېتەرلىك بىلىنمىگەن لاتىن ئامېرىكاسى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىنمۇ بىر بۆلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇلار بىلەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن.

«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە. (RFA/Ekrem)

«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» غا دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئادىلجانمۇ قاتناشقان. ئۇ بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغاندا، تىبەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىنغا تىبەتلىكلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن. دالاي لاما سۆزىدە، خەلقئارادىكى تىبەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئەجرىنىڭ تىبەت ھەرىكىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىبەتنىڭ بۈگۈن تېخىمۇ زور قوللاشلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. يىغىننىڭ ئاخىرىدا قىتئەلەر ئارا تىبەت ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم قارارلار ئېلىنغان.

«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
«9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى فېۋرال، بىريۇسسېل، بېلگىيە. (RFA/Ekrem)

تىبەت ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەتنى قوللىغۇچى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراكىدا ھەر 4-5 يىلدا بىر قېتىم قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىننىڭ 8-نۆۋەتلىكى 2019-يىلى سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان دارىمسالادا چاقىرىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشالمىغان، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتناشقان.

بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى «9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىبەتنى ھىمايە قىلىش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى باشتىن-ئاخىرى تىبەتلەر مەسىلىسى بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن.