«تىك-توك» تا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى يوللىغان ئۇيغۇر ھەققىدە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

يېقىندا فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە «تىك-توك»، ئۈندىدار قاتارلىق خىتايدىكى ئالاقە مۇنبەرلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر قانچە پارچە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى.

مەزكۇر سىن فىلىمىنىڭ بىرىدە ئاق-سېرىق كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي تىلىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە ئۆزى چەت ئەلدە بولغاچقا يۇرتىغا قايتالمىغانلىقى، ئەمما بۇ ئىككى بايرامنى ئۆتكۈزۈۋاتقان دوستلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئۇنىڭ «تىك-توك» سۇپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان مەدھىيەلىرى ئىپادىلىنىدىغان باشقا بىرقانچە سىن فىلىملىرىمۇ فېيسبۇكقا يوللانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئەيىبلەش ئىنكاسلىرى قوزغالدى.

فېيسبوكقا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يوللانغان ئىنكاسلاردا خىتايغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن بۇ ئۇيغۇرنىڭ ياپونىيەدىكى جۈرئەت ئىسىملىك بىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئىنكاسلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئاتالمىش «سۆيگۈسى» نى ئىپادىلىگەن بۇ سىن فىلىمىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىشى ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىدا ياشايدىغان جۈرئەت ئىسىملىك خىتايپەرەس بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدىكى يۇنۇس ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جۈرئەت ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر 2015-يىلى ۋە 2016-يىللاردا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېچىلغان «يىپەك يولى مۇرات» ناملىق ئۇيغۇر رېستۇرانىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن ئىكەن.

كېيىن ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ خوككايدو ئارىلىغا كەتكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتى قۇندۇز ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال بىلەن يېقىنلىقى ھەققىدە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇچۇرلار تارقالغان.

بىز جۈرئەت ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك ئەھۋال ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى خىتاي سۆيگۈسى ئىپادىلىنىدىغان سىن فىلىملىرىنى خىتايدا ئومۇملاشقان «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە مۇنبەرلىرىگە يوللىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئىلگىرى ئىشلىگەن «يىپەك يولى مۇرات» ناملىق ئۇيغۇر رېستۇرانى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ھەر ئىككى تېلېفونىمىز ئاپتوماتىك جاۋاپ ئۈسكىنىسىگە ئۇلاندى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى خالمەت روزاخۇن ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر خىتاي لاگېرىغا قامالغانلىقى خەلقئاردا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ئاتالمىش «سۆيگۈسى» نى ئىپادىلىگەن بۇ سىن فىلىملىرىنى يوللىغان جۈرئەت ئىسىلىك خىتايپەرەس ئۇيغۇرنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئەيىبلەش سادالىرى كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خالمەت ئەپەندى يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، جۈرئەت ئىسىملىك بۇ خىتايپەرەس ئۇيغۇر ھەققىدە ئېنىقلاشلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خالمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئېنىقلاشلار داۋامىدا جۈرئەت ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇرنىڭ ئادەتتە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقى ۋە ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلىدىغان سۆز-ھەركەتلىرىمۇ مەلۇم بولغان ئىكەن.

خالمەت ئەپەندى يەنە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ جۈرئەت ئىسىملىك بۇ خىتايپەرەس ئۇيغۇرنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان سۆز -ھەركەتلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.