تىك-توكنىڭ ئابونتلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنى ياقلاش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.19
tiktok-xitay-bayriqi.jpg TikTok لوگوسى ۋە خىتاي دۆلەت بايرىقى.
Photo illustration by RFA. Images by AFP and AP

ئامېرىكادىكى NCRI ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، تىك-توك پەقەت ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ھېكايىلەرنى باستۇرۇش، خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىدىغان قورالغا ئايلانغان. NCRI نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ جامائەت پىكىرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە گىئو-سىياسىي تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشتەك يوشۇرۇن كۈچى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى ياش ئابونتلار ئارىسىدىكى تەسىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) بۇ دوكلات ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«دوكلاتتا تېپىلغان نەتىجىلەر ئاساسلىق ئۈچ خىل ئۇسۇلدا بايان قىلغان. ئالدى بىلەن بۇنىڭدا، تىك-توكنىڭ ئالگورىزىملارنىڭ (algorithms) خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدىلىق مەزمۇنلارغا يول قويۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت مەزمۇنلار باستۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتنىڭ كېيىنكى قىسىمدا، خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنىڭ ئورگانىك ھالدا تۈزۈلمەي، ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى بولغان ئورگانلار ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخىرقى قىسمى، پىسخىكىلىق تەسىرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۇپىنى، يەنى تىك-توكنى ئىشلەتكۈچىلىرىگە پىسخىكا جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئالگورىزىملارنى كۆپىنچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەسىر كۈچى بولغان دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخس ۋە ئورۇنلار يولغا قويغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى قوللىغان. دوكلاتتا ئابونتلارنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان سانلىق مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ كۆرسىتىلگەن، بولۇپمۇ تىك-توك ئىشلەتكۈچىلىرىگە خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاش كۆز قارىشىنى ئۈنۈملۈك سىڭدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND   Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) بۇ دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تىك-توك ئالگورىزىملار ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە پايدىلىق مەزمۇنلارغا يول قويۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت مەزمۇنلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ.  گەرچە نامدا تىك-توكقا بىر كىشى ئىگىدارچىلىق قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىتاي شىركىتى. دېمەك، بۇ شىركەت خىتاي كومپارتىيەسىگە بېقىنىدۇ دېگەن گەپ، ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بۇ تىك-توكقا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى چوقۇم كۆرسەتمە بېرىدۇ، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇتلەق ئەگىشىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. كۆپىنچە ھاللاردا يەرلىك ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بەزى يەرلىك سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئىلگىرى سۈرگەنگە ئوخشاش، تىك-توكنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قائىدىلىرى بار، يەنى بېسىمغا ئۆز ئالدىغا قارشى تۇرالايدۇ. لېكىن تىك-توك باشقا سۇپىلاردىن ناچار بولۇپ، بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي بەزىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا خاتا ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ قالىمىز. تېخىمۇ چوڭراق مەسىلە خاتا ئۇچۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يامراپ كېتىشى بولۇپ، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇشى ۋە ھەل قىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ».

 تور تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا تىك-توكنىڭ ئىزدەش ئالگورىزىمىنىڭ خىتاينى قوللايدىغان مەزمۇنلارنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كونكرېت مىساللار تەمىنلەنگەن. مەسىلەن  «تيەنئەنمېن» نى تىكتوكتا ئىزدىگەندە 26.6 پىرسەنت خىتاينى قوللايدىغان مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ مەزمۇن ئىنىستېگرامدا  16.3 پىرسەنت، يۇتۇبدا ئاران 7.7 پىرسەنت بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا قارشى مەزمۇنلار  يۇتۇبتىكى ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ  64.6 پىرسەنتىنى، ئىنىستېگرامدا 56.3 پىرسەنتىنى، ئەمما تىك-توكتا  ئاران 19.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. «ئۇيغۇر» نى ئىزدىگەندە سېلىشتۇرما تېخىمۇ روشەن بولغان. «ئۇيغۇر» نى تىك-توكتىن ئىزدىگەندە، خىتايغا قارشى مەزمۇن پەقەت 10.7 پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان. بۇ يۇتۇبتا  19 پىرسەنت، ئىنستېگرامدا 84 پىرسەنت بولغان.

ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ خاتا ئۇچۇرلارنىڭ تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يامراپ كېتىشىنىڭ ۋە ياشلارنىڭ كۆز قارىشىنى بۇرمىلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئىنسانشۇناس ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى پالاكى ئولوموك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تىك-توك پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، يەنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا ئويلاپ، قائىدە پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلمايدۇ. يالغان ئېيتىدۇ. ئەخلاقلىق ئەمەس. بۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تىك-توكنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ھېچ ئىشلەتمەسلىك كېرەك ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.